يەتتە نەپەر خىتاي خاككېر جازالاندى
2024.03.26
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 25-مارت كۈنى يەتتە نەپەر خىتاي خاككېرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قانۇنسىز ئاخبارات توپلاشتا ئەيىبلىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خاككېرلار ئامېرىكا تەۋەسىدە ۋە باشقا جايلاردا مىڭلىغان شەخس ۋە شىركەتنىڭ تور بەتلىرىگە ئوغرىلىقچە كىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن غايەت زور ئۇچۇرلارنى توپلىغان.
25-مارت كۈنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يەتتە كىشى 14 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا سىياسىي ساھەسى ۋە ئىقتىساد ساھەسى بويىچە داڭلىق زاتلارنى، شۇنىڭدەك خىتاينى تەنقىدلىگۈچىلەرنى نىشان قىلغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان. شۇنىڭدەك خىتاي ئىستىخبارات ساھەسى ئۈچۈن غايەت زور ئېلخەت ھېساباتى ۋە تېلېفون خاتىرىلىرىنى توپلىغان. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى مېررىك گارلاند (Merrick Garland) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى خىزمەتتىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قورقۇتماقچى بولۇشى ياكى ئۇلارغا تەھدىت سېلىشىغا قاراپ تۇرالمايدۇ. ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشىغىمۇ سەۋرى قىلالمايدۇ. چۈنكى بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر» دېگەن.
سوت ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىتايلار 2010-يىلىدىن بۇيان خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ قوماندانلىقىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا مۇھىم ئورگانلاردىكى كىشىلەرگە، شۇنىڭدەك مۇخبىرلار ۋە پائالىيەتچىلەرگە تەھدىت ئېلخەتلىرى يوللاشنى مۇھىم خىزمەت قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭدا ئاشۇ خىل خەت تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۇنى ئاچقان ھامان ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن ئۇچۇرلىرى ئاپتوماتىك ھالدا خاككېرلارنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىغا يوللىنىپ تۇرغان. بۇ ھال تېخى يېقىندا پاش بولغان «i-Soon» شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جاسۇسلۇق قىلىشىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى بۇ خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى پاش بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمەتلىرىمۇ خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.









