خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىياز «ھەر بىر يېزا-بازارنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش تەكلىپى» سۇنغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.03.16

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئىككى چوڭ يىغىنىدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قۇربان نىياز ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا-بازار ۋە كەنتلەردە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش تاللا بازىرى» ئېچىش تەكلىپى سۇنغان.

قۇربان نىيازنىڭ تەشەببۇس قىلغىنى، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ئارقىلىق «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش بولۇپ، بۇنى قۇرۇق گەپ ياكى شوئار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت، يەنى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاممىۋىيلاشتۇرۇش، ئوبرازلاشتۇرۇش، «شىنجاڭ ھېكايىلىرى ۋە بىڭتۇەن ھېكايىلىرى» نى سۆزلەش، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىكەن.

خەۋەردە يەنە قۇربان نىيازنىڭ تەشەببۇسىغا ماس ھالدا بىڭتۇەننىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىۋاتقانلىقى، بىڭتۇەن مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇقتىلىق جايلاردا مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، قىزىل ساياھەت نۇقتىلىرى بەرپا قىلىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، بۇ ساھەدە بىڭتۇەننىڭ يېتەكچى ئورۇندا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئىككى يىغىنىغا قاتناشقان قۇربان نىياز، دىلنار ئابدۇللاغا ئوخشاش ئاكتىپ «ۋەكىل» لەرنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ھەققىدىكى تەكلىپلىرى ئۇلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە قوشۇلۇپ كېتىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەندىن باشقا، بىر جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.