يىلقىچىدا 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.08.29

قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋەقەسى ئىستانسىمىز تەرىپىدىن ئېنىقلىنىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

ھازىرغىچە، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ۋاشىنگتون پوچتىسى، ئىرېلاندىيە ۋاقتى گېزىتى، يېڭى زېلاندىيە خەۋەرلىرى، ب ب س ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقلىرى ۋە شۇنىڭدەك تۈركىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ۋەقەنى كەڭ خەۋەر قىلدى. يۇقىرىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە سادىر بولۇپ، ئارىدىن بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر ئېلان قىلمىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى، ئەمما ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇردا، بۇ كىشىلەرنىڭ تىك ئۇچار ئارقىلىق چۆللۈكتە بايقىلىپ، تېررورلۇق گۇمانى بىلەن ئوققا تۇتۇلغانلىقى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زادى نېمە جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر پاكىت كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

خەۋەرلەردە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن باياننامىسىغىمۇ يەر بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.