2000 نەپەردەك ئۇيغۇر يېزا ياشلىرى پەيشەنبە كۈنى شىمالدا ئىشلەش ئۈچۈن يولغا چىققان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-06-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى 2000 نەپەر ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچى 15‏-ئىيۇن پويىزغا ئولتۇرۇپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى» غا قاراشلىق كارخانىلاردا ۋە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ شىمالىي، شەرقىي، كورلا قاتارلىق جايلىرىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن يولغا چىققان.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، قەشقەر ۋە خوتەن ئىككى ۋىلايەتتىن كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە 100 مىڭ يېزا ئەمگەك كۈچىنى شىمالغا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.

«شىنجاڭ ئىقتىسادى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى يولغا چىققان 2000 نەپەر ئۇيغۇر ئىشلەمچى كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە يۆتكىلىدىغان 100 مىڭ ئەمگەك كۈچىنىڭ تۇنجى تۈركۈمى بولۇپ، دائىرىلەر مۇشۇ ئاي ئىچىدە جەمئىي 8000 ئەمگەك كۈچى يۆتكەيدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى نۇقتىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ كەلگەن. بىراق، ئۇنىڭ بۇ پىلانى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا شۇنچە كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى تۇرسا، ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن ئىچكىرىگە يۆتكەيدىغانلىقى گۇمان قوزغاپ كەلگەن ئىدى. 

بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېقىندا ئېچىلغان يىغىنىدا، خوتەن ۋە قەشقەر ئىككى ۋىلايەتتىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنى شىمالغا يۆتكەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئۆزگىرىشكە قانداق ئامىل سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر 2‏-، 3‏- ۋە 4-تۈركۈمدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى19-ئىيۇن، 23‏-ئىيۇن ۋە 27‏-ئىيۇندا يۆتكەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت