ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېڭى «يول باشلىقى» بەلگىلىمىسى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.08.11

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولغانىدى. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 11-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل يېرىم يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىغا 35 مىليارد سوم (تەخمىنەن بەش يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىپ ھەرقايسى جايلارغا تۇتىشىدىغان تاشيوللارنى ياسىغانلىقى، بۇ مەبلەغنىڭ بۇ يىل ئىچىدە جەمئىي 60 مىليارد سومغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئەگىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «يول باشلىقى» تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقى ھەرقايسى ساھەنىڭ تېگىشلىك دىققىتىنى قوزغىدى. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 11-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى تاشيول سىستېمىسىغا قارىتا «يول باشلىقى» بەلگىلەش تۈزۈمىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ھەرقايسى ناھىيە ۋە يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پۈتكۈل تاشيول بۆلەكلىرىگە «يول باشلىقى» بەلگىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك يوللارغا شۇ دەرىجىدىكى قاتناش ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى «يول باشلىقى» قىلىپ تەيىنلىنىدىكەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەرقايسى جايلاردا يەنە تارماق «يول باشلىقى» تەسىس قىلىنىدىكەن. خەۋەردە بۇ تەدبىرنىڭ تاشيوللارنىڭ جىددىي ئەھۋاللاردا راۋان بولۇشى ھەمدە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتمۇ-قات كونتروللۇق ۋە نازارەت مېخانىزمى ئىزچىل ھەرقايسى ساھەنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەنىدى. نۆۋەتتىكى بۇ يېڭى تۈزۈمنىڭمۇ ئەنە شۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش چارىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن لۇيىزا گرېۋ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتا ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ئۆسۈپ چوڭ بولۇش ۋە دەپنە قىلىنىشىغىچە بولغان بارلىق ھالقىلارنى تولۇق كونترول قىلىپ بولدى» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.