ئۇيغۇر ئېلىدا تىزىملانغان زەھەر چەككۈچىلەر 54 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-06-26
Share

ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىرغىچە 54 مىڭدىن ئوشۇق زەھەر چەككۈچى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى ئەسلىدىكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى چېگرادىن ئۆتكۈزىدىغان جايدىن تەرەققىي قىلىپ، ئىستېمال قىلىدىغان جايغا ئايلانغان.

ئۇيغۇر ئېلى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن دۇنيا زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىن قارىغاندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا نەشە، مۇزسىمان زەھەر ۋە چۇما قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارنى تارقىتىش ۋە ئىستېمال قىلىشمۇ كېڭەيگەن.

زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش مەسىلىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىددىي خەۋپلەرنىڭ بىرى. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن كۈرەش قىلىشتا زەھەر كىرىپ-چىقىۋاتقان ئېغىزلارنى ياخشى كونترول قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2013-يىلى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدا زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ سانىنى 40 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى قەيت قىلغان. ئەمما بىر يىلنىڭ ئىچىدە بۇ رەقەم ئۆرلەپ، 54 مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى دىققەت قوزغىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت