جاڭ چۈنشەن تەنقىدگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.11.03

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن بېيجىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

بۇ ھەقتە ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، 28 - ئۆكتەبىر كۈنى يۈزبەرگەن ۋەقەدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى جىددىي يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىنغا سىياسىي بىيورو ئەزالىرى قاتناشقان. سىياسىي بىيورو ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەنمۇ يىغىنغا قاتناشقان ھەم تەندىقلەشكە ئۇچرىغان.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا بېيجىڭنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، يىغىندا يەنە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىمۇ بېسىمغا ئۇچرىغان.

چۈنكى، بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا تيەنئەنمېن مەيدانىدا مۇنداق ئېغىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى تامامەن ئويلىمىغان سىياسىي زەربە ھېسابلانغان. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە مەزكۇر ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەمدە تۇتقۇن قىلىش ۋە نازارەتنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.