جۇ يوڭكاڭنىڭ 14 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بايلىقى مۇسادىرە قىلىندى
خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ چىرىكلىك دېلوسى دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ سابىق دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى جۇ يوڭكاڭنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان بايلىقى خەلق پۇلىغا 90 مىليارد يۈەن، ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرغاندا، 14 مىليارد 500 مىليون دوللار قىممىتىگە توغرا كەلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ خىل مەنبەدىن ئېنىقلاپ ئاشكارىلىشىچە، جۇ يوڭكاڭنىڭ چىرىكلىك دېلوسى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋە شېرىكلىرىدىن بولۇپ،300 دىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپ، تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جۇ يوڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ خىتاي ھەم چەتئەل بانكىلىرىغا ياتقۇزغان پۇللىرىنىڭ سانىمۇ ناھايىتى زور ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت يەنە ئۇنىڭ 300 ئورۇنغا جايلاشقان بىر مىليارد 700 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئۆي - مۈلكى، 60 دانە ماشىنىسى شۇنىڭدەك زور مىقداردىكى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە جۇڭگو ھەم چەتئەل نەق پۇللىرىنى مۇسادىرە قىلغان.
رويتېرسنىڭ يېزىشىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى، 11 - 12 ئايلار ئارىسىدا مەخسۇس جۇ يوڭكاڭنىڭ چىرىكلىك دېلوسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئىدى.
بىراق، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تېخى ھازىرغىچە رەسمىي شەكىلدە جۇ يوڭكاڭ دېلوسى ھەققىدە بىلدۈرۈش ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاللىقاچان سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن مەخپىيەتلىككە ئايلانغان.
خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، جۇ يوڭكاڭ تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىپ،ئۆزىنىڭ سىياسىي زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋالغان. ھازىرغىچە جۇ يوڭكاڭنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىدىن ئۇنىڭ ئايالى، بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قېيىن ئاتا - قيىن ئانىلىرى بولۇپ، 10 نەچچە ئادەم تۇتۇلۇپ، تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
71 ياشلىق جۇ يوڭكاڭ خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق يۇقىرى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان ئىدى.