جۇ يۇڭكاڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
سابىق كومپارتىيە سىياسىي بيۇرۇ دائىمى ئەزاسى، سىياسي قانۇن سېكرىتارى جۇ يۇڭكاڭ بۈگۈن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى بۇ يىل ئاپرىلدا رەسمىي ھالدا پارىخورلۇق، ھوقۇقىنى سۈيىئىستىمال قىلىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، دېلونى تيەنجىن تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ دۆلەت تېلىۋىزىيىسى جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئەيىبنامىسى ئوقۇلغان سوت خاتىرىسىنى تېلېۋىزىيىدە تارقاتقان. قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ئېكرانلاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئۆزگىرىپ كەتكەن چىرايى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قاردەك ئاقىرىپ كەتكەن چېچى دىققەت قوزغىدى.
ۋاشىنگىتون پوچتىسى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتايدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار جىنايەت ئۆتكۈزگەندە ئۇلارغا چېچىنى بوياشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، بۇ، ئۇنىڭ جازالانغانلىقى، بىر ھىسابتا يىقىلغانلىقىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.