جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئىنىسى تۇتۇلۇپ تەكشۈرۈشكە تاپشۇرۇلغان
خىتاي دۆلەت كونتروللۇقىدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ سابىق دائىمىي ھەيئىتى، سىياسىي - قانون كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئىنىسى جۇ يۋەنچىڭنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۇرۈلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، جۇ يۈڭكاڭنىڭ ۋۇشى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىنىسى جۇ يۋەنچىڭ ئۆتكەن يىلى 1 - دېكابېردا خوتۇنى بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇلغان.
خىتاي خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى «چار پادىشاھ» دەپ ئاتالغان جۇ يۈڭكاڭ ھوقۇقتىكى مەزگىلىدە ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ ھەسسىلەپ بېيىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. ئۇنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى جۇ يۋەنچىڭ خوتۇنى بىلەن بىرلىشىپ «ئاۋدى» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تارماق زاۋۇتىغا بىرقانچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ سالغان.
ئۇندىن باشقا، جۇ يۋەنچىڭنىڭ ئايالى يەنە خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ غايەت زور مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.
جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئىنىسى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ھۆكۈمەت مەبلىغىدىن پايدىلىنىش جەھەتتە جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئوغلى جۇ بىن بىلەن بىۋاسىتە شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر جۇ يۈڭكاڭ بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولغان خىتايدىكى 6 نەپەر يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.