خىتاي سوتچى جۇ يۈڭكاڭ ئۈستىدىن باشلانغان تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى ماختىغان
خىتايدىكى بىر ئالىي سوتچى سابىق خىتاي ئەمەلدارى جۇ يۈڭكاڭنىڭ چېرىكلىك قىلمىشلىرى ئۈستىدىن باشلانغان تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالاھىدە تەرىپلىگەن.
«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» دا نەقىل قىلىشىچە، خىتاي ئالىي سوتىنىڭ رەئىسى جۇ چياڭ، «جۇ يۈڭكاڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى، ھەر قانداق پارتىيە رەھبىرىنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە: مەزكۇر تەكشۈرۈش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى ۋە دۆلەت قانۇننىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، دېگەن.
خىتاي سوتچى جۇ چياڭ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ «قورقۇنچلۇق، ۋەزىپىنىڭ مۈشكۈل» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي مەركىزىي كومىتېتى 29 - ئىيۇلدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، سابىق ج خ مىنىستىرى، سابىق سىياسىي قانۇن كومىتېتى رەئىسى جۇ يۈڭكاڭنىڭ چېرىكلىك قىلمىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
جۇ يۈڭكاڭ شى جىنپىڭ باشلىغان چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تورغا ئېلىنىپ قالغان ئەڭ چوڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى.