جوۋ يوڭكاڭنىڭ يېقىنلىرىنىڭ خىيانەتچىلىكى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش دىققەت قوزغىدى


2013-09-03
Share

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي نېفىت ساھەسىدىكى بىرقانچە چوڭ ئەمەلدار قولغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پېنسىيىگە چىققان خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ سابىق دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى،خىتاي سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ 1 - قول باشلىقى جوۋ يوڭكاڭنىڭ يېقىن ئادەملىرى ئىكەنلىكى ۋە جوۋ يوڭكاڭنىڭ پارىخورلۇق،خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرى تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى نېفىت ساھەسىدىكى ۋاڭ يوڭچۈن، لى خۇئالىن، زەي شىنچۈئەن،ۋاڭ چاڭداۋ قاتارلىق تۆت چوڭ ئەمەلدار، نېفىت سودىگىرى خۇئا باڭگاۋ ۋە دۆلەت - زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جېمىن قاتارلىقلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدە بۇ ئەمەلدارلارنىڭ جوۋ يوڭكاڭنىڭ يېقىنلىرى ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە جوۋ يوڭكاڭنىڭمۇ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، جوۋ يوڭكاڭنىڭ بو شىلەيدىن كېيىن چىرىكلىك بىلەن ئەيىپلىنىپ جازاغا تارتىلىشى مۇمكىن بولغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى بولۇپ قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى 2 - سېنتەبىر كۈنى «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى چىرىكلىككە زەربە بېرىشتە يولۋاسنىمۇ ئۆرۈپ تاشلاپ، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتقا يول ئاچماقچى» دېگەن خەۋەر ئانالىزىدا،خىتاينىڭ نېفىت ساھەسىدىكى بىر گۇرۇپپا پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاش ئارقىلىق ئاساسىي نىشاننى جوۋ يوڭكاڭغا ئوخشاش تېخىمۇ چوڭ چىرىك ئەمەلدارلارغا قاراتقانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن جوۋ يوڭكاڭ 2007 - يىلدىن 2012 - يىلغىچە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 1 - قول باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»نى باستۇرۇشقا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان.2010 - يىلى «شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەنگەن. خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە يەنە «جوۋ يوڭكاڭنىڭ 90 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 2009 - يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پارتكوم سېكرىتارى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن رايوندا يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتى ۋە خىيانەتچىلىكى بىلەن نامى چىققان چىرىك ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈئەننىڭ بىۋاسىتە ئارقا تىرىكى» دەپ تەرىپلىنىپ، ۋاڭ لېچۈئەننىڭمۇ چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە مۇنازىرىلەر بولماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت