«زىمىستان» تورى: «ئېغىر سىياسىي بېسىم ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىزار قىلغان»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن زور تۈركۈمدە خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى يۆتكەپ چىقىپ، رايوندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر بالىلىرىنى «ئۆزگەرتىش» كە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە رايوندىكى ئېغىر سىياسىي بېسىم، قاتتىق كونتروللۇق ۋە «ئۆزگەرتىش» ۋەزىپىسى خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ بىزار قىلماقتا ئىكەن. بۇ ئۇلاردا روھىي تەۋرىنىش ۋە قورقۇشتەك بىنورمال روھىي كەيپىيات پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ 22‏-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىدىكى بۇ ئەھۋالنى تۈگىمەس سىياسىي ئۆگىنىشلەر، قول تېلېفونى تەكشۈرۈشلەر، «ئۈچكە كىرىش، ئىككىدە ئالاقە قىلىش، بىردە دوستلۇق ئورنىتىش» دېگەندەك سۆز ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان. خەۋەردە «ئۇلارغا بېسىم خاراكتېرلىك سىياسىي ۋەزىپىلەرنىڭ يۈكلىنىشى ئۇلارنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيەلىك ئاگېنتقا ئايلاندۇرۇپ قويغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.

قەشقەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان جاڭ لى ئىسىملىك بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى «زىمىستان» تورىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھە كۈنى ئەتىگەندە شۇ كۈنلۈك خىزمەت پىلانىنى مەكتەپ مۇدىرىغا دوكلات قىلىشى ۋە ھەر كۈنى 2 سائەت سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ «ھەر قېتىملىق يىغىندا ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئىسلام ئېتىقادىغا قانداق قىلىپ يول قويماسلىقنى، چوقۇم كومپارتىيەگە ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى سۆزلەيدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەر قېتىملىق يىغىن ئاخىرلاشقاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئەمما بۇنىڭغا يول قويۇلمايدىكەن. جاڭ لى يەنە ئۆزىنىڭ پارتىيە ئەزاسى بولمىسىمۇ، لېكىن پارتىيە ئەزالىرىدەك ھەر كۈنى ئۆگىنىشكە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ روھىي بېسىمدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ «زىمىستان» تورىغا قەيت قىلىشىچە، ئەگەر ئۇنىڭ سىنىپىدىكى بالىلار ھەرقانداق بىر دىنىي ئىپادىدە بولسا ياكى )لاگېرلاردىكى( ئاتا-ئانىلىرىنى ئاقلىسا بىرىنچى بولۇپ ئوقۇتقۇچى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن.

ياركەنت ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق يەنە بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى دائىرىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىنى تازىلاش، ئۇلارنىڭ ئېڭىدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى چىقىرىپ تاشلاش» نى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى كونترول قىلىشنى ئۇلارنى ئوقۇتۇشتىن مۇھىم،» دەپ قارايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت