«زىمىستان» تورى: «خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.12.13

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تورى 13‏-دېكابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىي ئۆلكىلەردىكى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى «خىتايلىشىش» قا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن. مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى نەچچە يۈز «شىنجاڭلىق» ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە بىر قىسىم خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى زىيارەت قىلغان. زىيارەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ مەكتەپلەر خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2010‏-يىلى چۈشۈرگەن «ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مەمۇرى چارە» ناملىق ھۆججىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھۆجەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ۋەتەننى، جوڭخۇا مىللىتىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشى، خىتايچە سوتسىيالىزىم تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، ماركسىزىمنىڭ ۋەتەن، مىللەت، دىن، ماتېرىيالىزىم ۋە ئاتېئىزىم نۇقتىئىينەزەرىنى نامايەن قىلىشى» تەلەپ قىلىنغان ئىكەن. دوكلاتتا مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «بىز ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى پۇرسەت تاپساق پەقەت تاماق ئارقىلىقلا ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز،» دېگەن. 

بۇ مەكتەپنىڭ بىىر خىتاي ئوقۇتقۇچىسى شىنجاڭدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرى مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئۇلارنىڭ «ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئوقۇتۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا دۆلەتنى، پارتىيەنى قانداق سۆيۈشنى ئۆگىتىش» ئىكەن. دوكلاتتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلرىنىڭ ھەركىتى قاتتىق كونترول قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشى ۋە باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشىغا چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقى، مەكتەپلەردىكى بارماق تونۇش ماشىنىلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.