خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ ئاغزىدىن ئۆزلىرىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.10.14

خەلقئارادا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق زور مۇھاكىمە تېمىسى بولۇۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ماركىسىزىمچى «زىيالى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئسمائىلنىڭ ئاغزىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاقلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرىشىدىكى «جەنۇبىي ئاستانە گېزىتى» نىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گۇاڭجۇ شەھرىدە ئېچىلغان «تېرورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا زۇلھايات ئىسمائىل مەخسۇس سۆز قىلىپ: «شىنجاڭدا خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچىمى تولۇق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، قانۇن-تۈزۈملەر ئەڭ زور دەرىجىدە مۇكەممەللىشىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەركىن، باراۋەر ھەمدە ئىززەت-ھۆرمىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ھالدا ئەمگەك بىلەن مەشغۇل بولماقتا،» دېگەن.

خەۋەردە بۇنىڭ دەلىلى ئۈچۈن زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ قەشقەردە «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى» سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ زاۋۇتتا ئىشلىگەن 36 نەپەر ئىشچى بىلەن سۆھبەتتە بولغانلىقى، ئاشۇ ئىشچىلارنىڭ بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن بەكمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئېيتىلغان.

ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك نۆۋەتتە ئومۇمىييۈزلۈك ھادىسىگە ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، «21-ئەسىردىكى زامانىۋى قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى» دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.