ئۇيغۇر
دوكتور دەررېن بايلېر «ئۇيغۇر ئېلىدا ساياھەتچىلىك ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مۇستەملىكە قىلىشنىڭ قورالى»
ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى مۇتەخەسسىسلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقى، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىغان گۈزەل مەنزىرىسىنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرى ئەڭ جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي شەھەر قەشقەرنى ساياھەتچىلىكنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئەنە شۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامى ئاستىدا ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئالدىنقى ھەپتىلەردە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2023-يىلى 13-ئىيۇن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ كەسپىي يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت تۈر ئالماشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ 33-باسقۇچى ھېسابلىنىدىغان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىي پائالىيىتى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن. ئىمزالانغان مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامى ئاستىدا ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن بولۇپ جەمئىي 600 كىشى قاتناشقان. بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، جەمئىي 162 خۇسۇسىي كارخانا ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ، ھەر خىل تۈردىكى 434 تۈرنى يولغا قويغان ۋە 18 مىليارد 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.
ئۇنداقتا لاگېرلارنى قۇرۇپ، بىرقانچە مىليون ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى سولىغان ۋە مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىن كاللا يۇيۇش ئېلىپ بارغان، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن چەكلىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادلىرىنى چەكلەپ، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا قەشقەرنى پۈتۈن خىتاي بويىچە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ساياھەتچىلىك مەركىزى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن سودا ئالاقىلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىكى
ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دەرېن بايلېر ئەپەندى MIT دا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى ئاپرېل.
ھەرىكەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىدۇ؟
قەشقەردىكى بۇ يىغىنلاردا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئۆزلىرىنىڭ نىشانى ھەققىدە توختىلىپ: «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنىڭ سۈپىتىدە بىر گەۋدىلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەتنى بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، ساياھەتنى مەدەنىيەت بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ئەمما، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان ۋە بۇ رايوندىكى مەسىلىلەر ھەققىدە تەتقىقات قىلىۋاتقان ئانالىزچىلارنىڭ قارىشى تامامەن باشقىچە بولۇپ، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكالىق ئانتروپلوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس دوكتور دەررېن بايلېر ئەپەندى «خىتاينىڭ ساياھەتچىلىك ۋە مەدەنىيەتنى بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۇيغۇر ئېلىنى تولۇق مۇستەملىكە قىلىشنىڭ يەنە بىر قورالى» دەپ باھا بەردى.
ئۇ ئۆز باھاسىنى مۇنداق ئىزاھلىدى: «ساياھەتچىلىك دۆلەتنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشنىڭ بىر ئۇسۇلى. ئەلۋەتتە، ساياھەتچىلەرنىڭ نېمىلەرنى كۆرەلەيدىغانلىقى، نېمىگە ئۇچرىشىدىغانلىقنى، قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئىنچىكىلىك ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن باشقۇرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن جايلارنىڭ قىزىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقات قىلىدىغان يەرلەرگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) بىر خىل ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، بۇ تەبىئىي مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەمىشە بۇ گۈزەل جايلاردا ياشايدىغان، ئوتلاق ياكى بوستانلىقلاردا ياشايدىغان كىشىلەر زەربە نىشانى قىلىنىۋاتىدۇ. دۆلەت ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىپ ساياھەتچىلەر ئۈچۈن باغچە ياساۋاتىدۇ. كىشىلەرنى ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈپ، شەھەرلەرگە كۆچۈشكە ۋە زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئىشلەشكە زورلاۋاتىدۇ. شۇڭا ساياھەتچىلىك ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلىشنىڭ يەنە بىر قورالى».
ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا باستۇرۇش مەسىلىلىرى تەتقىقات بويىچە تونۇلغان ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ ئۆز قارىشىنى مۇنداق شەرھلىدى: «ھۆكۈمەت ساياھەتچىلىكتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەممە ئىشنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇ نۇرغۇن خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ياكى بىر ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. كىشىلەرنى خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلايدۇ، چۈنكى خىتاي ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن خىتاي تىلىنى پىششىق بىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتچىلىكنى مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى».
1990-يىللاردا ۋە ئاخىرقى قېتىم 2018-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى، بولۇپمۇ قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، كۆپ كۆزىتىش نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەن ئامېرىكالىق ئانتروپلوگ، مائارىپچى دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا، جۈملىدىن قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ساياھەتچىلىكنى كەڭ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ 2018-يىلىدىكى زىيارەتلىرىنى مىسال بىلەن كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇردى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ناھايىتى ئاسان. مېنىڭچە بۇ ناھايىتى ئاسان ئىش، چۈنكى يەرلىك ئاھالە ئۈستىدە شۇنداق كونترولى بار. لاگېر بار جايغا يېقىن جايغا بېرىشقا بولمايدۇ. ماڭا مەسچىتكە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىدى. ئىشىكتىكى چوڭ قۇلۇپ بار ئىدى، ھېچكىمدە ئاچقۇچى يوق. بۇ، جۈمە كۈنى ئەتىگەندە، بىلىسىز. ئەلۋەتتە، كىشىلەر ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كېلىشى كېرەك، ئەمما ھېچكىم يوق. مېنىڭچە بۇنداق قىلىش خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ناھايىتى تەبىئىي ئىش. ئەگەر قىلغان ئىشىڭىزنى يوشۇرماقچى بولسىڭىز ساياھەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ يوشۇرىسىز، ساياھەتچىلەر پەقەت بەزى نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ. بۇنداق قىلغىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى. مېنىڭچە خىتاي ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇردى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ناھايىتى ئاسان، چۈنكى ئۇلار ساياھەتچىلەرنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ نېمىلەرنى كۆرىدىغانلىقىنى كونترول قىلالايدۇ. مېنىڭچە ساياھەتچىلىك دۇنياغا ياخشى تەرىپىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. ئۇلار ساياھەتچىلەرنى ۋە ژۇرنالىستلارنى كېلىپ ناخشا ئېيتىپ ۋە ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلارنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ھەممەيلەن خۇشال، ھۆكۈمەت خۇشال، ساياھەتچىلەر خۇشال دېگەنلەردۇر. ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلق بىزنى كۆرۈپ خۇشال بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇش-بولماسلىقى ماڭا ئېنىق ئەمەس».
ئۇ ئۆزىنىڭ 2018-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا كۆرگەنلىرىنى ۋە تەسىراتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «2018-يىلى مەن ئۇيغۇر ئېلىنى كۆرگىلى باردىم. بۇ قېتىمقى كەچۈرمىشلىرىم تۇنجى قېتىم بارغان 1987-يىلدىكىگە ئوخشىمايتتى. مەن ئۇيغۇر ئېلىگە جەمئىي سەككىز قېتىم باردىم. مەن بۇ قېتىم بارغاندا ئەھۋال بەك پەرقلىق ئىدى. مەن ھەتتا 90-يىللارنىڭ بېشىدا باردىم. مەن 91-93 يىللىرى يازدا باردىم، ھەر يىلى نۇرغۇن ئىشلار ئۆزگەردى دەپ ئويلايمەن. پوزىتسىيەدە نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى. بولۇپمۇ ئاخىرقى قېتىمدا نۇرغۇن نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى دەپ ئويلايمەن. مېھمانخانىلارغا كىرىش ئېغىزىدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتى بار ئىدى. مەن تۇرغان ھەر بىر مېھمانخانىدا ئۇلار مېنىڭ رەسىمىمنى تارتتى. بىلەمسىز، پويىز بىلەن ئۈرۈمچىدىن دوستۇمنى يوقلىغىلى بارغانىدىم. پويىزدىن چۈشۈپ سىرتقا چىقىپ، دوستۇم بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم، ساقچىلار كېلىپ مېنى ئالاھىدە ئىشخانىغا ئېلىپ باردى ۋە مېنى سوراققا تارتتى. كىمنى زىيارەت قىلىسىز؟ قەيەردە تۇرىسىز؟ دېگەن سوئاللارنى سورىدى. مەن ئۇلارنىڭ زەربە بېرىش نىشانى بولدۇم. بىز كوچىلارنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلدۇق، ئەمما ساياھەتچىلىك پەقەت ئىشىنىڭ كۆرۈنىدىغان تاشقى قىسمى. ھېچكىم سىزنى جازا لاگېرىغا ساياھەتكە ئېلىپ بارمايدۇ. ئۇلار ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. ئەمما مەن ئىشىنىمەنكى، ھۆكۈمەت ساياھەتچىلىكنى ئۆزىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ناخشا-ئۇسۇلىنى تەشۋىق قىلىشى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خۇشال-خۇرام ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. مەن قەشقەردىكى ئارقا كوچىغا بارغىنىمدا، بىلەمسىز، بەزى خانىم-قىزلار مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلماقچى بولدى، بىر ياش ئادەم مەن بار كوچىغا كېلىپ بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇ ناھايىتى ياخشى ئىنگلىزچە سۆزلىيەلەيتتى. ئۇ ياق، ئۆيگە كىرەلمەيسىز، ئىچىگە كىرىشكە بولمايدۇ، دېدى. بىلەمسىز، مەن كوچىغا قارىدىم، ھەممە يەردە كامېرالار بىزگە قاراپ تۇراتتى. ئەگەر ئۇلار مېنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلغان بولسا، ئۇلار ئاۋارىچىلىككە ئۇچرايتتى».
خىتاي ھۆكۈمىتى 21-ئىيۇن كۈنى بولسا خىتاينىڭ قەشقەر-ئوتتۇرا، غەربىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى ھەم شېنجېن خەلقئارا سودا يەرمەنكىسىنى تەڭ قەدەمدە قەشقەردە باشلىدى. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ يەرمەنكە ھەققىدە گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىنگەن سۈرەتلىرى بىلەن بېزەلگەن تەشۋىقاتلىرىنى كەڭ تارقاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنىڭ تامامەن ئۆزگەرگەن، تەرەققىي قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقان مەنزىرىلىرىنى كۆرسىتىدىغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىپ قەشقەرگە تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلىرىنى ۋە ئىچكىرى خىتايدىكى شىركەتلەرنى جەلپ قىلماقتا. تېخى يېقىندىلا قەشقەردە خىتاينىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى ئېچىلغان ۋە چوڭ شىركەتلەردىن باشقا يەنە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە، جۈملىدىن قەشقەرگە كىرىپ ئىش ئېلىپ بېرىشنى قوللاش قارا قىلىنغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەت رايونىدا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى بىلەن كۆپلەپ مەشغۇل بولۇشى، ئۇلارنىڭ «ئاپتونوم رايون» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئىككى رايوننى خىتايغا تېخىمۇ چىڭ باغلاش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىماقتا.
«ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 21-ئىيۇندىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەت رايونىدا ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ئايرودروم ۋە تاشيول بولماقتا ئىكەن. بۇلار ماھىيەتتە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەرىكەتلىرىگە زور دەرىجىدە قۇلايلىق يارىتىدىغان قۇرۇلۇشلار بولۇپ، رايون تەۋەسىدە ياكى ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردا بىرەر ھەربىي ئېھتىياج كۆرۈلگەندە، ھۇجۇم سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق بولۇشنى كۆزلىگەن.
ھىندىستاندىكى «خىتاي قۇدرىتى» تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە باشقا ئوچۇق مەنبەلەر ئارقىلىق، بۇ رايونلاردا يېقىنقى مەزگىللەردىلا ئاز دېگەندىمۇ 37 ئايرودرومنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى، بۇلاردىن ئاز دېگەندىمۇ 22 ئايرودرومنىڭ ھەربىي ئايرودروم ياكى يېرىم ھەربىي ئايرودروم ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان. يالغۇز ئۇيغۇر دىيارىدىلا 2017-يىلىدىن بۇيان ئاز دېگەندىمۇ 15 ئايرودروم كۆپەيتىپ قۇرۇلغان. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىردىن-بىر قىيىنچىلىق بولۇۋاتقان ئامىل يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ ئايرودروملارنىڭ كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن بەكلا ئېگىز بولغان نۇقتىلاردا بولغانلىقى ئىكەن. دوكلاتتا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بېيجىڭ دائىرىلىرى مۇشۇ خىلدىكى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرىنى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى بىلەن چەمبەرچاس قىلىپ يۇغۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا» دېيىلگەن.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 20-ئىيۇنغا قەدەر پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئايرودروملارنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 16 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، قالغىنى تۇرپان ۋە قەشقەردە ئەمەلگە ئاشقان.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، پودپولكوۋنىك دەنىيل لىندلېي (Daniel Lindley) ئۆزىنىڭ «خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن زور تەھدىت» ناملىق ماقالىسىدە بۇ خىل قۇرۇلۇشلار ھەققىدە توختىلىپ، «جاھانگىرلىك دەۋرىدە مۇستەملىكىچىلەر ھەرقاچان يول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ ئاجرىتىپ كەلگەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت يەرلىك خەلققە بەخت يارىتىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېھتىياجلىرىنى كۆزدە تۇتۇش بولغان. خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ زور قۇرۇلۇش بولسا پۈتۈن دۇنياغا، شۇنىڭدەك ئامېرىكا خەلقىگە نىسبەتەن زور ئاپەت» دەپ كۆرسەتكەن.
غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ لوپنوردىكى لازېر قوراللىرى سىناق نۇقتىسىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلماقتا
خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىك يەنىمۇ كۈچىيىپ مېڭىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كورلا شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى لوپنور رايونىغا جايلاشقان يادرو قوراللىرى سىناق نۇقتىسى يەنە بىر قېتىم ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بۇ بازىدا لازېر قوراللىرى ئارقىلىق غەرب دۇنياسىغا مەنسۇپ سۈنئىي ھەمراھلارغا «قارا قولى» نى سوزۇش ئېھتىماللىقى ئۇلارنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان.
«غەرب ئۆلچىمى» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇندىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، يېقىندا «يەر شارى مۇداپىئە تېخنولوگىيەسى» شىركىتى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، لوپنوردىكى لازېر قوراللىرى سىناق بازىسىدا چەت ئەل سۈنئىي ھەمراھلىرىنى لازىرلىق قوراللار ئارقىلىق نىشانغا ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ھەقتىكى سۈنئىي ھەمراھ مەلۇماتلىرى لوپنور تەۋەسىدىكى بۇ سىناق بازىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئېگىز ئاتموسفېرا بەلبېغىدىكى چەت ئەل سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ مەشغۇلاتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئۇلارنى گۆرۈگە ئېلىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان غەرب دۆلەتلىرىگە مەنسۇپ سۈنئىي ھەمراھلار ۋە شىركەتلەر ئارىسىدا ئېلون ماسك (Elon Musk) قا تەۋە «Space X» نىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىمۇ ئورۇن ئالغان. بۇ مەزگىللەردە ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھلارمۇ مۇشۇ ئوربىتا تەۋەسىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى كاشىلىلارغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقى ھازىرچە سىر بولۇپ قالغان. خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى سۈنئىي ھەمراھلارغا كاشىلا پەيدا قىلىش ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ 2023-يىلى ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى بۇ خىل قىلمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق سۈنئىي ھەمراھلارنى كونترول قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىنى پالەچ قىلىپ قويۇش، شۇنىڭدەك ئىستىخبارات ۋە رازۋېدكا خىزمەتلىرىنى ئاقسىتىپ قويۇشنى كۆزلىگەن» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كورلا شەھىرىنىڭ شەرقىگە توغرا كېلىدىغان لوپنۇر رايونىدىكى يادرو سىناق بازىسى 1996-يىلىغا قەدەر خىتاينىڭ ئاساسلىق يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش مەيدانى بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئەنۋەر توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «مۇشۇ خىل يادرو قوراللىرى سىناقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاز دېگەندىمۇ 40 پىرسەنت يۇقىرىلاپ كەتتى» دېگەن ئىدى.
«ۋولكىسۋاگېن» شىركىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زاۋۇتىنى تەكشۈرمەكچى بولدى
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان ۋولكىسۋاگېن (Volkswagen) شىركىتىنىڭ يېقىندا BMW ۋە مېرسېدېس (Mercedes-Benz) قاتارلىق دۇنياۋى شىركەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى تەنقىدلەنگەن ئىدى. «ۋولكىسۋاگېن» شىركىتى بۇ مەسىلىگە ئەڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ يىل ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زاۋۇتىنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ دۇنياۋى شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ھالقىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى «ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھەقلەر ياۋروپا مەركىزى» (ECCHR) نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ۋولكىسۋاگېن شىركىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ھەتتا بىر قېتىملىق چوڭ يىغىندا شىركەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرىگە تورت ئېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
BMW ۋە مېرسېدېس شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زاۋۇتلىرى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى بۇ ھەقتىكى دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن, ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مېرسېدېس شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بىز مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرگە بۇ ھەقتە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشنى ئالاھىدە جېكىلىدۇق» دېگەن. 2023-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ گېرمانىيەدىكى خىزمەتچى سانى مەلۇم چەككە يەتكەن ھەرقانداق شىركەت ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان.
جوۋ بايدېننىڭ شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىشى زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن كالىفورنىيەدىكى پائالىيىتى جەريانىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئاشكارا ھالدا «دىكتاتور» دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە مۈشكۈلاتتا قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. جوۋ بايدېننىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ يولغا چىققاننىڭ ئەتىسى ئېيتىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ھالنى «بەكمۇ بىمەنىلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ ئاتىغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «بۇ سىياسىي جەھەتتە ئوچۇق-ئاشكارا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.
«NBC خەۋەرلىرى» نىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل سۆزلەرگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. باش ئەلچى شې فېڭ ئاقسارايغا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بۇ ھەقتىكى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن مۇخبىرلارنىڭ «سىزنىڭچە شى جىنپىڭنى دىكتاتور، دەپ ئاتىغانلىقىڭىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا «ئۇنداق بولمايدۇ. ھېچقانداق يامان ئاقىۋەتمۇ پەيدا قىلمايدۇ. مەن شى جىنپىڭ بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە كۆرۈشىمەن» دېگەن.
CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىشتىن كېيىنرەك ئۇلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق پرېزىدېنت باراك ئوباما بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن. ئۇ ،ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىدە قانداق ئورۇندا قانداق سۆز ئىشلىتىشى ھەققىدە توختىلىپ؛ «ئۇيغۇرلارنى ئالساق ھازىر ئۇلار غايەت زور ساندا لاگېرلارغا قامىلىپ، ‹قايتا تەربىيەلەش› كە مەھكۇم قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ بىر چوڭ مەسىلە، شۇنداقلا ھەممىمىز ئۈچۈن بىر چوڭ خىرىس» دېگەن.
خىتاي يەنە بىر قېتىم «ئەڭ ناچار دۆلەت» بولۇپ باھالاندى
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 21-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېڭى زېللاندىيەدىكى «كىشىلىك ھەقلەرنى باھالاش» (HRMI) تەشكىلاتى 2022-يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى «دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار دۆلەت» دەپ باھالىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار 2017-يىلىدىن تارتىپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھەقلەر ساھەسى بويىچە باھالاپ كەلگەن. بۇ يىل بولسا تۇنجى قېتىم بۇنىڭغا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوشقان. نەتىجىدە بۇ يىل خىتاي «يېمەكلىك، ساقلىق ۋە ئۆي جەھەتتە ياخشىراق، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە يامانلىشىپ ماڭغان» دەپ خۇلاسىلەنگەن.
بۇ يىلقى دوكلاتنى تەييارلاشتا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ياكى خوڭكوڭ رايونىدىكى ھەقلەر ساھەسى بۇنىڭغا تەدبىق قىلىنمىغان. شۇنداق بولسىمۇ خىتاي تەۋەسىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى خىتاينىڭ «ئەڭ ناچار» دېگەن نامنى ئېلىشىغا يېتىپ ئاشقان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى تالىيا روۋدېن (Thalia Rowden) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى دۆلەت زېمىنى تەۋەسىدە بىخەتەر، دەپ قاراش دەرىجىسىنى ئۆلچەم قىلدۇق. بۇ خىل راي سىناش توردا تاماملاندى ھەمدە قاتناشقانلار نامسىز شەكىلدە قاتناشتى» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ يوسۇندىكى كۆپ يىللىق تەكشۈرۈشىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان نومۇرغا ئېرىشكەن. ئەمما خىتاينىڭ ئەھۋالى ئىزچىل تۈردە «ئەڭ ناچار» تۈرىدىن چىقالمىغان. خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ناچار نومۇر ئېلىشى باشقا تۈردىكى راي سىناشلاردىمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
ما جۈ: «ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە قارشى كۈچلەر ھامان مەغلۇپ بولىدۇ! »
ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» يېقىندا خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايلار بىلەن بىرلىكتە «تاڭزوڭزا بايرىمى» نى كۈتۈۋالغانلىقى ۋە رايوندا «ئېجىل-ئىناقلىق بەرپا قىلغانلىقى» نى تەشۋىق قىلغان.
مەزكۇر خەۋەردە، 15-ئىيۇندىن 19-ئىيۇنغىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي تېلېگراف چەكلىك شىركىتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، خىتاي بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى ۋە خىتاي خەلق بانكىسى قاتارلىق ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ساۋەن، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق شەھەر ۋە رايونلارغا تەشكىللەپ ئەۋەتكەن «ئۈچ ئەل خىزمىتى» (ئەل رايىنى بىلىش؛ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش؛ ئەلنى مايىل قىلىش) ئەترەتلىرى شۇ جايلاردىكى يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن خىتاينىڭ «تاڭزوڭزا بايرىمى» نى كۈتۈۋالغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئويۇنلىرى، ئەمەلىيەتتە ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بىر قەدەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە جېڭى ياكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر. بۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› تەشۋىقاتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۈرگۈزۈشتىكى كونكرېت ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بۇندىن كېيىنمۇ تاڭزوڭزا بايرىمىغا ئوخشاش پەقەت خىتايلارغا خاس بولغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ھەر خىل شەكىل ۋە ئۇسۇللاردا ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشنى توختاتمايدۇ. خىتاي ئەزەلدىن تارىخنىڭ ھەقىقىتىنى بۇرمىلاپ، ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان ھالدا تارىخىي رېئاللىقنى بۇرمىلاپ كۆرسەتمەكتە. ئۇلار مۇشۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار ھازىر ھەقىقەتەنمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى كۈچىنى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يوقىتىپ قويدى. مانا بۇلار ئوچۇق-ئاشكارا شەكىلدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىدۇر. تارىختىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىش ياكى ئۇنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.»
ئاۋات ناھىيەسى يېڭى ئېرىق بازىرى ئۈستۈنكى پاۋانلا يېزىسىدا يېزىغا چۈشكەن خىتاي كادىرلار ئاممىغا تاڭزوڭزا تۈگۈشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.2023-يىلى 20-ئىيۇن
chinanews
خىتاينىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە يەنە كەنت-مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەت كىشىلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، تاڭزوڭزا ياساۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈلگەنلىكىگە دائىر كۆپلىگەن ياسالما سۈرەتلەر كىرىشتۈرۈلۈپ كۆرسىتىلگەن.
ئىسرائىلىيەدە ياشايدىغان خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىممۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ تۈردىكى كۈلكىلىك تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا ئەپسۇسلۇقىنى بىلدۈردى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇندىن تارتىپ خىتايدا ‹كۆپ مىللەتلىك جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى› نى يارىتىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە خىتاي بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىنى يوققا چىقىرىپ، ئۆزى خالىغان شەكىلدە تارىخنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي بۇ ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ ياسىغان بۇ ساختا تارىخقا ئۇلارنى ئىشەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇچۇر مەنبەسىنى چەكلەش، ئىدېئولوگىيە جەھەتتە قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق، خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىب قىلماقتا؛ خىتايلارنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق ۋە غالىبلىق تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرمەكتە. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ۋە خەلقئارادىن كېلىدىغان بېسىملاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، تىبەتلەرگىمۇ مۇشۇنداق سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. ۋەھالەنكى، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ دەرىجىسى ھەممىدىن ئېغىر بولماقتا.»
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە يەنە 1994-يىلى لۇشۇن مۇزېيىنىڭ خىزمەتچىلىرى ياپونىيەلىك ھىكارى ئوتانى تەرىپىدىن تۇرپان ئاستانا قەبرىستانلىقىدىن «ئوغرىلانغان» قەدىمكى ھۆججەتلەرنى رەتلەۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئوت-چۆپتىن ياسالغان تاڭزوڭزا ئەۋرىشكىسىنى بايقىغانلىقى، ئۇنىڭ بۈگۈنكى تاڭزوڭزىنىڭ شەكلىگە ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ساۋەن شەھىرىدە تاڭزوڭزا بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 15-ئىيۇن.
ts.cn
ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچى بولغان، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مېھرىئاي مەمتېلى خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا تاڭزوڭزا بايرىمىغا ئوخشاش بايراملارنى زورلاپ تېڭىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش، ئۇلارنى ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى› نىڭ قوينىغا سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئەلنى مايىل قىلىش» دېگەن نام ئاستىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان ئىدى. يۈز مىڭلىغان خىتاي كادىرلىرى «ئەل رايى خىزمىتى» دېگەن نامدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ھاياتىنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىغىچە كۆزەتچىلىككە قويۇلغان ئىدى. 2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ، بۇ سىياسەتنىڭ تېخىمۇ جىددىي تۈستە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.
ما جۈ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى: «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئاساسىي ئېقىم. تارىختىن بۇيان ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە قارشى كۈچلەر مەلۇم مەزگىل غالىپ كەلسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا ھەممىسى مەغلۇپ بولغان. بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقانداق بىر مىللەتنى ۋە ياكى مەدەنىيەتنى زورلۇق كۈچ بىلەن يوقىتىۋەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي جەھەتتىكى يوقىلىش ئىچكىي جەھەتتىكى قالاقلىقتىن، تەرەققىياتقا يېتىشەلمىگەنلىكتىن ۋە ھاياتىي كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. شۇڭا مەن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىپ، خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەسلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى قەتئىي قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەر زامان ئۈمىدۋار ياشىشى ئۈچۈن مەدەت تىلەيمەن! »
ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ پاراللېل تەسۋىرى:«چوڭ شەھەر» ۋە «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» (1)
چېڭ ياڭياڭ 2009-يىلى ئامېرىكا تۇپرىقىغا ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە قەدەم قويغاندىن تارتىپ تاكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىزمەتكە چۈشكىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئانچە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمىگەنلىكىنى راستچىللىق ئىچىدە تىلغا ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇنىڭ دىققىتى خىتايدىكى ئانىسى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە تىلغا ئېلىنىدىغان «ئۇيغۇر ناۋاي» نىڭ نانلىرىغا، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا چۈشۈشكە باشلىغان. ئانىسى ئۇنىڭغا ئۆز شەھىرىدە ناھايىتى مەززىلىك نان ياقىدىغان بىر «شىنجاڭ ناۋايخانىسى» نىڭ ئېچىلغانلىقىنى، بۇ ناۋايخانىدىكى نان-توقاچلارنىڭ تەمى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارغانلار يەپ كۆرگەن نانلارغا ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ئەمما شۇنچە تەملىك نان ياقىدىغان ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئۇ ماكاندا ھازىر تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ بەكمۇ ئەدەپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا قىزىنىڭ ھەرگىزمۇ چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى تەشۋىقاتلارغا ئالدىنىپ مېڭىسى يۇيۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىملاپ جېكىلىگەن.
ئوخشىمىغان ئۇيغۇرلار
چېڭ ياڭياڭ ئانىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبەتلىرى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە «ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايىلەر» نى ئاڭلىغان. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتىكى «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بولۇشى مۇمكىن» دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغان. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ  دەررېن بايلېر (Darren Byler) نىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى ئاساسىدا تەييارلانغان «تېررورلۇق كاپىتالىزمى: ئۇيغۇرلاردىكى مەھرۇملۇق ۋە خىتاي شەھىرىدىكى ئەركەكلىك» ناملىق ئەسەرنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. بۇ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا دەررېن بايلېر ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان «چوڭ شەھەر» (ئىنگلىزچىغا «ئارقا كوچىلار» دېگەن نامدا تەرجىمە قىلىنغان) ناملىق رومان بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ. ئەمما بۇ ئەسەرلەردە ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتا تەسۋىرلەنگەن ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توغرىسىدىكى بايانلار ئۇنىڭ كۆز ئۆڭىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئانىسىدىن ئاڭلىغانلىرى بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى بولغان بىر مەنزىرىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى رادىئو زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى.
ئەنە شۇ خىل قارىمۇ-قارشى تەسۋىرلەر ئارىسىدا گاڭگىراپ قالغان چېڭ ياڭياڭ بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە دەررېن بايلېرنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» ناملىق ئەسىرىنى ئۇچرىتىپ قالغان. بۇ كىتابتىكى تەسۋىرلەر خىتاي ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئېڭىغا ئورناپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئومۇمى چۈشەنچىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسىنى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى مەركىزىي ئورۇنغا قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان. ئارقىدىنلا دەررېن بايلېرنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلغانلىقىنى، ئەمما ئاپتورنىڭ ئاللىقاچان تۈرمىگە قامىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن چېڭ ياڭياڭنىڭ بۇ ئەسەرلەرگە بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ ئاشقان. بولۇپمۇ پەرھات تۇرسۇننىڭ راف ئېللىسون (Ralph Ellison)، فرانز كافكا (Franz Kafka)، ج. م. كوتزىي (J. M. Coetzee)، ئالبېرت كامۇ (Albert Camus) قاتارلىق دۇنياۋى يازغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر تەسىرىدە بۇ روماننى يېزىپ چىققانلىقى ئۇنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھەمدە ئاللىقاچان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە، ئاپتورنىڭ قولغا ئېلىنىپ 16يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ئۇنى بەكمۇ چۆچۈتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى.
«زۇلۇمنىڭ جاۋابكارلىرى كوممۇنىزم بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ!»
دوكتور چېڭ ياڭياڭنىڭ قارىشىچە، پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانىدا تەسۋىرلەنگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دېتاللىرى دەررېن بايلېرنىڭ «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» ناملىق ئەسىرىدە ئىلمىي تەتقىقات شەكلىدە بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئېتنوگرافىيە ۋە نەزەرىيە بىرلەشكەن يوسۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان زۇلۇملىرىنى جانلىق بايان قىلىپ بېرىشى ئۆز نۆۋىتىدە «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ باستۇرۇشقا دۇچار بولۇشى خۇداسىز كوممۇنىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مەھسۇلى» دېگەن نەزەرىيەنى رەت قىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-پىغانى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇستەملىكىچىلىك خاراكتېردىكى مەھرۇم قالدۇرۇش سىياسىتى ۋە كاپىتالىستىك شەكىلدىكى ئېكسپىلاتاتسىيەنىڭ مەھسۇلىدۇر. بولۇپمۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنكى تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇشنى سۇيىئىستېمال قىلىشى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدا «مۇستەملىكىچىلىك خاراكتېردىكى كاپىتالىستىك چېگرا رايون» بەرپا قىلىپ «دۆلەت كاپىتالى»، سىياسىي بىلەن تېخنىكا بىرلەشكەن نازارەت ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى خىتاينىڭ ماھىيەتتە «تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كاپىتالىستىك دۆلەت ئىكەنلىكى» دەك خاراكتېرىنى بەلگىلىگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا چېڭ ياڭياڭ مۇنداق دەيدۇ.
چېڭ ياڭياڭنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسى مۇستەملىكىچىلىك ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەرقاچان خىتاينى دىققەتتىن ساقىت قىلىۋېتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ نۇقتىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدىن بۇيان دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغانلىقى، مەدەنىيەت جەھەتتە غەرب دۇنياسىدىن پەرق قىلىدىغانلىقى، تارىختا جاھانگىرلارنىڭ ئۆزلىرىنى قانداق بويسۇندۇرغانلىقى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل جاھانگىرلارنىڭ ھۇجۇم ئوبيېكتى بولغان بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھېچكىمگە ھۇجۇم قىلىپ باقمىغانلىقى دېگەنلەرنى كۆپلەپ بازارغا سېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» قۇرۇۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. دەررېن بايلېر رەت قىلغان «خۇداسىز ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنىڭ يېگانە مەنبەسى» دېگەن بۇ قاراش پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانىدا ئەدەبىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پەرھات تۇرسۇنمۇ ئۆز ئەسىرىدە ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەھرۇم قالدۇرۇش سىياسىتى، يەرشارىلىشىش، ئىرقچىلىق ۋە كاپىتالىزم ئامىللىرىنى يۇغۇرۇپ، بۇلارنى ئۆتمۈش خاتىرىسى شەكلىدە بايان قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى نامسىز باش قەھرىمان ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە ئەتراپىدىكى دۇنيا ھەققىدە ئۆتكەن زامان شەكلىدە پاراڭ قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشىدىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇۋاتقان سىياسىي زۇلۇملارنىڭ پەردىسىنى ئاچىدۇ.
(داۋامى بار)
قورقۇنچتىن ھۆرلۈككىچە: بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشى
20-ئىيۇن «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» دە، «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسى ئىشلىگەن «قورقۇنچتىن ھۆرلۈككىچە-بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ فىلىمدا ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى قاسىم ئابدۇرېھىم قەشقەرنىڭ ئەسلىمىسى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرى ۋە ھۆر دۇنياغا قەدەم بېسىشتىكى ئەگرى-توقاي جەريانلىرى جانلىق شەكىلدە ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن. قاسىم ئابدۇرېھىم قەشقەرنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىم، مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى ئاستىدا دۇچ كېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق رېئاللىقىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر فىلىمدىكى باش پېرسوناژ قاسىم ئابدۇرېھىم قەشقەر ئەپەندىنى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزگە تەكلىپ قىلدۇق.
قاسىمجان ئابدۇرېھىم قەشقەر 1979-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە «ئاتلان» تىل تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرغان. 2017-يىلى ئامېرىكاغا كېلىپ، 2019-يىلىدىن بۇيان «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىمەكتە.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.
چېخىيە پايتەختى پراگادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دىققەت قوزغىدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چېخىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىرگە، پايتەخت پراگادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزگەن.
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كەڭ دائىرىدە تونۇتۇش پروگراممىسىنىڭ روھىغا بىنائەن، 19-ئىيۇن چېخىيە پايتەختى پراگادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرگەزمىسى» باشلانغان ئىدى. 20-ئىيۇن كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پراگاغا يېتىپ كېلىپ، 2021-يىلى 3-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان چېخىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
پراگادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئىككى كۈندىن بۇيان چېخىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چېخىيە ئاۋام پالاتاسىدىمۇ قوبۇل قىلدۇرۇش ھەمدە چېخىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش توغرىسىدا مۇھىم مۇزاكىرىلەردە بولغان. ئۇلار يەنە چېخىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.
پايتەخت پراگادا 19-ئىيۇن باشلىنىپ 21-ئىيۇن ئاخىرلىشىدىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرگەزمىسى» پائالىيىتىمۇ نەتىجىلىك ئۆتكەن. كۆرگەزمىگە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئارخىپلىرى ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى قويۇلغان ئىدى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 3 كۈندىن بۇيان كۆپلىگەن پراگالىقلار ۋە ساياھەت ئۈچۈن كەلگەن چەت ئەللىكلەر بۇ كۆرگەزمىلەرنى كۆرگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى 21-ئەسىردە مىللەت سۈپىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىقلىرىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇتتەھەملىكى، زوراۋانلىقلىرىغا بولغان نارازىلىقلىرىنىمۇ بىلدۈرۈشكەن.
د ئۇ ق ۋەكىللىرى چېخىيەدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چېخىيە خەلقىگە بىلدۈردى. 2023-يىلى 20-ئىيۇن، چېخىيە.
RFA/Ekrem
د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ۋە باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن پراگادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، 3 كۈن داۋاملاشقان چېخىيەدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئومۇمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق ۋەكىللىرى چېخىيەدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چېخىيە خەلقىگە بىلدۈرۈپلا قالماي، چېخىيە پارلامېنتىدىمۇ مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دىققەت تارتىدىغان بىر تېما ھالىغا كەلتۈرگەن. ئۇلار يەنە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە چېخىيە پارلامېنتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ پروگراممىلىرىنى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئورتاق مۇزاكىرە قىلغان. زۇمرەتئاينىڭ ئەسكەرتىشىچە، 20-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكانىڭ چېخىيەدىكى ئەلچىخانىسى دىپلوماتلار ئۈچۈن بىر مۇراسىم ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتتە د ئۇ ق ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسەتلىرى تۇغۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا چېخىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا يەنە بىرقېتىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مەھمۇد ئابباسنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتى باشلىنىش ھارپىسىدا، يەنى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس خىتايدا زىيارەتتە بولغان ئىدى. 14-ئىيۇن كۈنى ئۇ بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، پەلەستىننىڭ «بىر خىتاي پىرىنسىپى» نى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە «ھازىر بەزىلەر كۆتۈرۈپ چىققان ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى تېررورلۇققا، ئاشقۇنلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش مەسىلىسىدۇر. پەلەستىن ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› نى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.
تۈرك ئاخباراتلىرىدا پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇ باياناتىغا قارىتا تۈرلۈك ئىنكاسلار قوزغالماقتا. تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مەھمۇد ئابباسنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ، مۇنداق دېگەن: «پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس 6-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ زىيارەت جەريانىدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتقانلىرى بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا. مەھمۇد ئابباس بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا، ئادەمنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدىغان سۆزلەرنى قىلىپتۇ. ئۇ، ‹بەزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان شىنجاڭ مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تېررورلۇققا، ئاشقۇنلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرىشىدۇر. پەلەستىن ھەر دائىم خىتايغا ئىشىنىدۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا خىتاينىڭ كېلىشتۈرگۈچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ› دېگەن. بۇ سۆزلەرنى دېيىشكە مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىجدانى چىداپتۇ! ؟ »
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. 2023-يىلى 14-ئىيۇن، بېيجىڭ.
AFP
دەۋلەت باغچەلى يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز پەلەستىننى قوللىغانسېرى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىچ يۈزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ باياناتىدىن مەھمۇد ئابباسنىڭ زادى نېمىنىڭ ھەقىقىي تېررورلۇق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. تۈركىيە ھەر دائىم مەزلۇم پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېنىدا تۇتۇپ كەلدى، بىز ھەر ۋاقىت ھېچ ئىككىلەنمەستىن پەلەستىن دەۋاسىنى قوللاپ كەلدۇق. شۇڭا بىز مەھمۇد ئابباسنىڭ بۇ باياناتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز! «
تۈركىيەدىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ تۈرك مىللەتچىلىكىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىدېئولوگىيە ئاساسى قىلىپ كەلگەن پارتىيە بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ بۇ پارتىيە 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھېچقانداق سادا چىقارماي كەلگەن ئىدى. ھەتتا بۇ پارتىيە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىپادىسىنى ئەيىبلىگەن باشقا سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارغا ھۇجۇم قىلىپ، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قايتا كۈنتەرتىپكە كېلىشى «بىر غەرەزلىك پىلان» دەپ قاقشىغان ئىدى.
6 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىلىق سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلىنىڭ بۇ باياناتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «مەيلى قانداق بولمىسۇن، دەۋلەت باغچەلىنىڭ پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ خىتايدا قىلغان سۆزلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى، زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىنىدا مەھمۇد ئابباسنىڭ خىتايدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دېگەن سۆزلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان. تۈرك خەلقى باغچەلىدىن بۇنداق بىر قاتتىق ئىنكاس چىقىدىغانلىقىنى كۈتمىگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ بۇ ئىنكاسىنى بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تۈركىيەدە ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى دەپ قارايمەن. چۈنكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تۈركىي مىللەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر سىياسىي پارتىيە، يەنە كېلىپ ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەنمۇ ئىتتىپاقداش.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە تېگىشلىك ئاۋاز چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى 1969-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالپئارسلان تۈركەش تەرىپىدىن قۇرۇلغان. دەۋلەت باغچەلى 1997-يىلىدىن بۇيان مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار-يوقلۇقىنى ئىسپاتلاشقا بۇيرۇلغان
«ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» (ECCHR) گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد-ئېكسپورت ئىدارىسىگە ۋولكىسۋاگېن (VW) ، BMW، Mercedes Benz قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە گېرمانىيەدىكى «پەزىلەتلىك پايچىكلار جەمئىيىتى» بۇنى قوللىغان.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى شىركەتلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقىنى تا ھازىرغىچە ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن. ئەسلىدە بۇ شىركەتلەر 2023-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «گېرمانىيە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنى چىقىرىپ تاشلىشى كېرەك ئىكەن.
مەزكۇر ئاخباراتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيەدىكى شېفىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق ئاپتوموبىل سانائىتى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى، گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭمۇ ماشىنا زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي زاۋۇتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ قانۇن نازارەتچىسى بۇ ئەرز ھەققىدە پىكىر بايان قىلغاندا، «ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھامىيلىقىدا، قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۆپلىگەن دوكلاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىتاينىڭ بۇنداق زاۋۇتلىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا گېرمانىيە ئىقتىساد-ئېكسپورت ئىدارىسى ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىدە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە قانداق رىئايە قىلغانلىقىنى دەرھال تەكشۈرۈشى كېرەك» دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ: «‹گېرمانىيە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى› نىڭ ماقۇللىنىشى مۇھىم بىر ئىلگىرىلەش، ئەمدىكى گەپ بۇنىڭ رولىنى ئىسپاتلاش. مېرسىدېس، ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق شىركەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك» دېگەن.
ناتو بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيە بىلەن خىتايغا كۈچ كۆرسىتىش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن
ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە، ناتو (NATO) رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى كۈچ كۆرسىتىش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن.
«ۋال-سترېت ژۇرنىلى» 20-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ناتو ياۋروپا ھاۋا بوشلۇقىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ كۆلەمدە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئېلىپ بارغان. ناتونىڭ بىرلەشمە ئارمىيە قوماندانى بۇ مانېۋىر ھەققىدە سۆز قىلىپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسىدە زوراۋانلىق ئۇرۇشى قوزغاش ئېھتىمالىغا قارشى مەشىقلەرنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھاۋا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئاساس قىلغان بۇ مانېۋىرغا گېرمانىيە يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، مانېۋىرغا كىرگەن 250 ئايروپىلان ئىچىدە بومباردىمانچى ئايروپىلانلار، ئامېرىكانىڭ F-35 نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دانە كۈرەشچى ئايروپىلانى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن ياپونىيە بىلەن شىۋېتسىيەدىن 10 مىڭدىن كۆپ ئەسكەر بۇ مانېۋىرغا قاتناشقان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش مەشىقلىرى ئېلىپ بارغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى ھەپتە داۋام قىلغان بۇ مانېۋىردا بىرلەشمە ئارمىيە ئايروپىلانلىرى بالتىق دېڭىزىنى بويلاپ، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيە چېگراسى ئارىلىقىدا ۋە قارا دېڭىز ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئۇچۇپ، ئەسكەرلەرنى ئايروپىلاندىن سەكرىتىش، دۈشمەننىڭ مۇداپىئە لىنىيەلىرىنى پارتلىتىش، كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش قاتارلىق مانېۋىرلارنى ئېلىپ بارغان.
مانېۋىرغا قوماندانلىق قىلغانلاردىن ئامېرىكالىق گېنېرال لېيتېنانت مايكول لوھ (Michael A. Loh) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مانېۋىرنىڭ مەقسىتى ياۋروپانى قوغداشلا ئەمەس، خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ياپونىيە بىلەن كورېيەنى قوغداشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ مانېۋىرنى پىلانلىغان گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ئىنگو گېرھارتىز (Ingo Gerhartz) بۇ مانېۋىر ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن خىتايغا كۈچ كۆرسىتىپلا قالماي، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا تەييار تۇرۇش ۋە خەلقلەرگە ئىشەنچ بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى «ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزى» گە ئايلاندۇرۇشقا كۈچىمەكتە
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 21-ئىيۇن كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەردە «13-نۆۋەتلىك قەشقەر-ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى، شېنجېن خەلقئارا مەدەنىيەت ئىگىلىكى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ كۆرگەزمىسى» ئېچىلغان.
«قەشقەر يەرمەنكىسى» 2005-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى كۆلىمى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، 23 دۆلەت ۋە رايوندىن ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، خىتايدىكى كارخانىچىلار ئۆمىكى بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىدىكەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا باشقارمىسىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «قەشقەر يەرمەنكىسى» ئالتە يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن بۇ قېتىم كاتتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان. بۇ يەردىكى ئالتە يىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يىللىرىغا توغرا كېلىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
يېقىندىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا قەشقەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات ئورنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلمەكتە. قەشقەرنىڭ ئىچكىرى خىتايغا، ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە پاكىستانغا تۇتاشقان سودا يوللىرى، «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەۋزەللىكى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنماقتا.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ قارىلىدىغان قەشقەر شەھىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000-يىللاردىن باشلاپلا چېقىپ ئۆزگەرتىش نىشانىغا، قەشقەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى بولسا ئىچكىرى زاۋۇتلارغا ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئوبيېكتلىرىغا ئايلانغانىدى. ئۆتكەن يىل ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى مەلۇماتلارغا كۆرە، قەشقەردىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار شاڭخەيگە، شېنجىنغا، قەشقەردىكى بىڭتۇەننىڭ تۇمشۇق شەھىرىگە، ئاقسۇدىكى بىڭتۇەننىڭ ئارال شەھىرى ۋە ساۋەن قاتارلىق جايلاردىكى بىڭتۇەن رايونلىرىغا يۆتكەلگەن.
خىتاي يەنە «قەشقەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامىدا بۇ جاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنىمۇ پىلانلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي قەشقەردە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «ھەر قايسى مىللەتلەر بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلغان كۆپ قاتلاملىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» نى تەكىتلىگەنىدى.
ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەت رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرى دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش توغرۇلۇق تەجرىبە ئالماشتۇرغان
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار تىبەتكە بېرىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ھەمدە تىبەت ئەمەلدارلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇلار تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاي باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرغان.
ئىككى رايون ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ بىلەن تىبەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ‹مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش› نىشانىنى ئورۇنلاش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشكەن.
تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يىغىن زالىغا شى جىنپىڭنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ئېسىلغان بولۇپ، سۆھبەتتىمۇ ئاساسەن «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» تەكىتلەنگەن. ھەممىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان شى جىنپىڭ بۇ يەردە گويا جوۋج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىدىكى «ھەممىنى كۆزىتىپ يوليورۇق بېرىپ تۇرىدىغان بۈيۈك داھىي» غا ئايلانغان. چېن پوكۇڭ قاتارلىق خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان شى جىنپىڭ ئەمەلىيەتتە ھوقۇق ۋە كۈچنى ئىلاھلاشتۇرۇۋاتقان، «شەخسكە چوقۇنۇش» شامىلى پەيدا قىلىۋاتقان ھۆكۈمدار ئىكەن.
ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەت رايونى خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ۋە دىنىي باستۇرۇش ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان جاي بولۇپ، تىبەتنى ئېغىر تەقىب-نازارەت ۋە تۈرمە-لاگېر بىلەن باشقۇرغان چېن چۈەنگو 2016-يىل بۇ تەجرىبىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈپ ئاپارغان ۋە بۇ جايدىكى مىللەتلەرگە تېخىمۇ قەبىھ ئۇسۇلدا زىيانكەشلىك قىلغانىدى.
نۆۋەتتە تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋاڭ جۈنجېڭ 2019-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى، 2020-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ھەم سىياسىي كومىسسارى ببولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى. 2021-يىلى ياپۋروپا پارلامېنتى ۋاڭ جۈنجېڭغا «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان» ئۇيغۇر رايونىدىكى 4 نەپەر يوقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرى سۈپىتىدە جازا ئېلان قىلغان ئىدى.