ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-02-05
5 - فېۋرال كۈنى، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلغۇچى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقلەر بىرلىكتە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى، خاتىرىلەش يىغىنى ھەمدە خەتمە قۇرئان پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
2010-02-05
5 - فېۋرال جۈمە كۈنى خىتاينىڭ سودا مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توخۇ گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى توخۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگىنى ئۈچۈن، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توخۇ مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ توخۇ گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-02-05
ئىستانسىمىز خەۋىرى، بۈگۈن 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى پارتلىغانلىقىغا دەل 13 يىل تولغان خاتىرە كۈن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىدى.
2010-02-05
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى جارۇللاھ ھىسامىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئىزچىل داۋام قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى تەكىتلىگەن.
2010-02-05
تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى يىغىن ئېچىپ، مۇھاجىرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچ"لەرگە زېمىن ھازىرلاپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.
2010-02-05
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى "ناتو" غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى غەيرى رەسمىي يىغىنى ئىستانبۇلدا ئاياغلاشتى. يىغىندا ئافغانىستان مەسىلىسى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسكەر چىقىملىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە تانكىلار ۋە تىك ئۇچار ئىشلىتىش مۇزاكىرە قىلىندى.
2010-02-05
شىنخۇا ئاگېنلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلاشماقتا.
2010-02-04
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيىنىڭ خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى. بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېرىشكەن 5 - قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى.
2010-02-04
تۈنۈگۈن شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئىككى نەپەر ئاكا - ئۇكا ئۇيغۇر مەھبۇسنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق مەسىلىگە ئالاقىدار تەرەپلەر بايانات ئېلان قىلىپ پوزىتسىيە بىلدۈردى.
2010-02-04
3 - فېۋرال كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرگە نىسبەتەن قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى خەلقئارا سودا مۇناسىۋەتلىرى قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن راۋاجلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
2010-02-04
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلاشتى. كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتى ئاشكارىلىمايدۇ.
2010-02-04
كەشمىر، ھىندىستان، پاكىستان، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. كەشمىر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەڭداشسىز تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن "دۇنيانىڭ جەننىتى" دەپ ئاتالسا، ھىندىستاننىڭ شىمالىغا ۋە ئاسىيانىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقى يۈزىسىدىن، "ئاسىيانىڭ قەلبى"، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
2010-02-04
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف يېقىندا ئاخبارات ساھەسىگە بايانات ئېلان قىلىپ، كېلەر ئايدا قىرغىزىستاندىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ۋەكىلى قاتنىشىدىغان تۇنجى قېتىملىق خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2010-02-04
پارس - ئەرەب سۈركىلىشى ئۇزاق تارىخلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بولۇپمۇ 1980 - يىللىدىن باشلىنىپ 8 يىل دۋام قىلغان ئىران - ئىراق ئۇرۇشى پارس - ئەرەب سۈركىلىشىنى چوڭ توقۇنۇشقا ئايلاندۇرغان ئىدى.