ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-07-13
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى كۆچمە نوپۇستىن «تۇراقلىق يەرلىك نوپۇس» قا ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 6 مىليون كۆچمەننى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇراقلىق نوپۇسىغا ئېرىشتۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى «يەرلىكلەشتۈرۈش» دەپ ئاتىۋالغان بۇ ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
2012-07-13
پاتىگۈل غۇلام غايىب ئوغلى توغرىلىق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدىكى بىر خىتاي ئەمەلدار بىلەن جېدەللەشتى.
2012-07-13
خىتاي دۆلەتلىك ئىسىتاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا خىتاينىڭ 2012 - يىللىق ئىككىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ %7.6 كە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە، خىتاي ئىقتىسادىدىكى بۇ خىل تۆۋەنلەشنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قاراتقان چەكلىمىسىنىڭ كۈچىيىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2012-07-13
شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 4 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركسىتانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى تۈركىيىنىڭ بولۇ شەھىرىگە قاراشلىق سۈننەت كۆلى بويىدىكى مېھمانخانىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىغىن 2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى 5 - كۈنىگە قەدەم قويدى.
2012-07-13
فرانسىيە رادىئوسىنىڭ 12 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 29 - ئىيۇن كۈنى خوتەندە ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنغان ئالتە نەپەر ئۇيغۇرنى بويسۇندۇرۇپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر خىتاي ھاۋا يوللىرى ئىدارىسى بىلەن خەينەن ھاۋا يوللىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن زور مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2012-07-13
پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ھەر بىر قەلبنى ئاچىدىغان مەخسۇس ئاچقۇچ بارلىقىنى، بىرىنى ئاچقان ئاچقۇچ بىلەن يەنە بىرىنى ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.
2012-07-13
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇمۇلدىكى ھېيتگاھ جامائەسىنى ئىبادەتكە تاقاپ، ساياھەت ئورنىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى قۇمۇلدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
2012-07-13
ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتى لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئامېرىكا تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ بىر قىسىم كىيىم-كېچەكلىرىنى خىتايغا زاكاز قىلىپ تىكتۈرگەن. بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.
2012-07-13
خوتەندە بىر يەر ئاستى دىنىي مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 12 ئۇيغۇر بالىنى يارىلاندۇرغان خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى، ئۈرۈمچى ساڭفاڭگو رايونىدا بىر يەر ئاستى ئائىلە خرىستىئان چېركاۋىنىڭ يازلىق لاگېرىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، لاگېردىكى 70 نەچچە خىتاي ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇغۇچىنى سوراق قىلغان ۋە ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانىلارنى قويۇپ بېرىپ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى تۇتۇپ قالغان.
2012-07-13
سۈرىيىنىڭ خاما شەھىرى ئەتراپىدىكى ترېمسې بازىرىدا پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن قەتلىئام خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى. بۇ كىشىلەردە «مەزكۇر ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پوزىتسىيىنى ئۆزگەرتىپ، ھەربىي ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولامدۇ» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى.
2012-07-13
13- ئىيۇل كۈنى بىر ئۇيغۇر ئايال ئوقۇتقۇچى ئۈرۈمچى نەنچاڭ يولىدىكى كۆمۈر كان مەكتىپىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان كوپىيە باسما مەركىزىگە كېلىپ، ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى بېسىپ كۆپەيتمەكچى بولغاندا باسما مەركىزى خادىملىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
2012-07-13
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە بىر نەپەر مۇخبىر قوبۇل قىلماقچى.
2012-07-12
شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ 30 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچى ئۈستىدىن بېرىلگەن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، شۋېتسىيە ئاخباراتىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان.
2012-07-12
بۇنىڭدىن 71 يىل ئىلگىرى، يەنى 1941-يىلى، 22-ئىيۇن كۈنى تاڭ سەھەر 4تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى دەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى پارتلىدى.