ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-07-28
ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەتسىز يۈرۈۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇر دىيارىغا ياردەم بېرىدىغان ئاتالمىش خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى پىدائىيلىرى 25 - ئىيۇل ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن.
2012-07-28
ئامېرىكا دائىرىلىرى جۈمە كۈنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىدىغان چاقپەلەك موملىرىغا قويۇلىدىغان باجنى يەنە ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى سەل جىددىيلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
2012-07-28
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار ۋە «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزگە كۆڭۈل رىشتىسىنى باغلاپ، ھەپتىلىك قۇلاق دىدارىغا تەشنا بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىخلاسمەن قېرىنداشلار، بۇ ھەپتىلىك «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزنىڭ يېڭى پروگراممىسىغا خۇش كەلدىڭلار. ھۆرمەتلىك دوستلار! بۇ ھەپتىلىك پروگراممىمىزنى ئالدى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساماسىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن مەڭگۈلۈك سارقىغان بىر مەرىپەت يۇلتۇزىنىڭ قايغۇلۇق خەۋىرى بىلەن باشلايمىز ۋە ئۇنىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، ئاندىن ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تەييارلىغان ھەرخىل تېمىلاردىكى ئاۋازلىق ئەسەرلەردىن بەھر ئالىسىلەر. ئاخىرىدا «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ. ئۇنداق بولسا، دىققىتىڭلار پروگراممىمىزدا بولغاي!
2012-07-28
كەچلىك تاماقتىن كېيىن سادەت بىلەن ئايگۈلنىڭ سۇقۇشۇپ،مۇشتلاشقاندا ياتاققا چېچىلغان سامانلارنى سۈپۈرۈپ،سامانغا مىلىنىپ يەردە ياتقان ئورۇن-كۆرپە ۋە كىگىزلەرنى قېقىپ يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، ساجىدە ئىككىمىز ئۆز ئورنۇمىزدا ئولتۇرۇپ ئۆتكەنكى يىللار ۋە يېڭى يىللار ھەققىدە، ساۋاقداشلار ھەققىدە قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى سۆزلىشىپ ،كۈلۈشۈپ ئۆلتۈردۇق.
2012-07-27
بېيجىڭ دائىرىلىرى 18 - قۇرۇلتاي ھارپىسىدا يىغىن ئېچىپ، «توردا پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئۈستىدىن ئۆسەك سۆز تارقاتقۇچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى ئىنتېرنېت كونتروللۇقى بىلەن ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلدە، بېيجىڭ دائىرىلىرى چىقارغان بۇ قارار خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھەم خىتاي تور بېكەتلىرىدە جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.
2012-07-27
خىتاي دائىرىلىرى 21 - ئىيۇل بېيجىڭدا يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 77 دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ راس گەپ قىلغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىغان تور ئابونتلىرى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە مەخسۇس سەھىپە ئىچىپ، سۇ ئاپىتىدە بېيجىڭ ۋە باشقا شەھەرلەردە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى، رەسىمىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ھەقىقىي ساننى بىلىشكە تىرىشىۋاتقان ئىدى. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يامغۇر ئاپىتىگە ئالاقىدار بارلىق مەزمۇنلارنى ئىنتېرنېتتتىن تازىلىشى - ھۆكۈمەتىنىڭ سەمىمىيىتىگە بولغان گۇماننى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.
2012-07-27
خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يىقىندىلا ئۇيغۇر ئىلىگە 6 مىليون خىتاي كۆچمەننى يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان ئىدى. خىتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئەمدى، شەھەرلىشىش سۈرئىتى 1. 25% بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىدە 2030 - يىلىغا بارغاندا شەھەرلىشىش نىسپىتىنى 66% - 68% گە كۆتۈرۈپ، شەھەر نوپۇسىنى 20 مىليونغا يەتكۈزۈش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2012-07-27
ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى 1يېرىم مىليارد مۇسۇلمان، 12 ئاينىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامىزان ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنىگە كىرگەن كۈنىمىزدە، ياپونىيىدىكى بەزى ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ياپونىيىدىكى ئىفتار زىياپەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتماقتا.
2012-07-27
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى رىۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە، تۇرغانجان روزاخۇنوف باشچىلىقىدا «جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ئىنايەت ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، تالانتلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى تەربىيىلەش، مائارىپ، ئەدەبىيات، سەنئەت ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇش، ئىشسىز ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى باشلىۋەتتى.
2012-07-27
شىۋېتسىيىنىڭ يۆتېبورىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «گوتىيا لوڭقىسى» نامىدىكى دۇنيا ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۆز ياش قۇراملىقلىرى بۇيىچە تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىلىرى ئىچىدە 8كۈچلۈك كومداندا قاتارىغا كىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا قايتتى.
2012-07-27
ئامېرىكىدىكى «ئىنسانى ئالاقە ئىنىستىتوتى»نىڭ قۇرغۇچىسى دېئىل كارنېك ئىنسان ئۆزىدىن سادىر بولغان خاتالىقلارنىلا خاتىرىلەپ ماڭسا يېتەرلىك دەپ قارايدۇ.
2012-07-27
مەلۇمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بولۇپمۇ تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى ئەڭ خەتەرلىك رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. قوشنا ئافغانىستاندىن قورال - ياراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ كىرىپ كېلىشى، شۇنداقلا قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى جۇمھۇرىيەت ئىچى ۋە سىرتىدا قېلىپلاشقان ۋەزىيەتنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۇرۇۋەتكەن ئىدى.
2012-07-27
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 23-ئىيۇل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىر لېكسىيە ئۆمىكى ئەۋەتىپ، يەرلىك ج خ دائىرىلىرىگە تاسادىپىي ۋەقەلەردە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىش ھەرىكىتى باشلىغان.
2012-07-27
خىتاي دۆلەتلىك گىمناستىكا ئۆمىكىنىڭ سابىق دوختۇرى شۆ يىنشيەن، جۈمە كۈنى ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلاپ، 1980 ۋە 90 يىللىرى خىتاي دۆلەتلىك گىمناستىكا كوماندىسىنىڭ تەنتەربىيىچىلىرىگە ئىزچىل روھلاندۇرغۇچى گورمون بېرىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.