ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-12-16
2010 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئازسانلىق مىللەتلەر مۇنبىرىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە د ئۇ ق نىڭ ب د ت دىكى مەخسۇس ۋەكىلى كەتىي خانىملار قاتناشتى.
2010-12-16
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۆتكەن ھەپتە «خىتاينىڭ 2010- يىللىق ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەم 2011- يىلدىكى ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ھەققىدە پەرەز» ناملىق كۆك تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. كۆك تاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ 2010- يىلى گەرچە دۆلەت ئىقتىسادى ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئاۋام پۇقرالىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ يەنىلا تۆۋەن ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
2010-12-16
يېقىندا ياپونىيىنىڭ مىللەتچى نەشرىياتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان سانكىن شىنبۇن نەشرىياتى تەرىپىدىن "ياپونىيە خىتاينىڭ ئاپتونومىيىسى بولىدۇ" ناملىق 5 بابلىق بىر كىتاب نەشر قىلىنغان.
2010-12-16
يېقىندا ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرى بىناسىدىكى ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، يېڭىدىن تونۇلغان 63 ياشلىق رەسسام مەخسۇت تىۋاموف سىزغان 100 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم كۆرگەزمە قىلىنغان. رەسساملار ۋە بۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ئەسەرلەرگە ئالاھىدە باھا بەرگەن.
2010-12-16
خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق نوبېل مۇكاپات ئىشلىرىغا قارىتا قىلمىشلىرى كانادا مەتبۇئاتلىرىدا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ئوبزورچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ خىتاينىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
2010-12-16
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بېجىڭدا " شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتى يىغىنى" چاقىرىپ، خىتايدىكى بارلىق ساقچى ئورگانلىرىدىن بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
2010-12-16
15 - دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش خىزمىتى" يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش ئەھۋالى ئېغىرلاشقان.
2010-12-16
ئۈرۈمچىنىڭ "خىجاسەن" يەنى تاشبۇلاق رايونىدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن. كۆچۈرۈۋېتىلگەن بۇ نوپۇس ئاز بىر قىسىم خىتاي ۋە تۇڭگانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلىدىكەن.
2010-12-16
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن موڭغۇل پائالىيەتچى خادانىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2010-12-16
بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئەلقائىدە كۈچلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تەرىپىدىن كۆرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن رەسمىي ئېلان قىلىندى. باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى يېڭى ئىستراتېگىيىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئەلقائىدا كۈچلىرىگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-12-15
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بۈگۈن 15-دېكابىر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا بېيجىڭدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن ۋاشىنگتون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:30 دا رادىئومىز مۇخبىرى مېھرىباننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ 10- دېكابىر كۈنى خەينەن ئارىلىغا «ساياھەت» كە ئېلىپ كېتىلىپ، بۈگۈن بېيجىڭدىكى ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-12-15
تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيىسىدىكى خىمىيە سانائەت زاۋۇتىنىڭ زېھنى ئاجىز كۆچمەنلەرنى قۇل قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە توقسۇن ناھىيىسىدىن ئۇچۇر ئىگىلەش جەريانىدا، يىللاردىن بۇيان بۇ جايدا خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ھەر قانداق زاۋۇت -كارخانا ئېچىشىغا، ئۆز ئىختىيارىچە ئىشچىلارنى خىتايدىن يۆتكەپ كېلىشىگە كەڭ يول ئېچىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
2010-12-15
يېقىندا رۇسىيىنىڭ "ت ب مەركەز" ستۇدىيىسى 20-ئەسىردىكى داڭلىق ئىككى كوممۇنىست دىكتاتورى-يوسىف ستالىن بىلەن ماۋ زېدوڭنىڭ ھەمكارلىق تارىخىغا ئائىت بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى. فىلىمنىڭ نامى" ماۋ ۋە ستالىن" بولۇپ، مەزكۇر فىلىم ھۆججەتلىك فىلىم رېجىسورلىرىدىن لېئونىد ملېچىن ۋە يېكاتېرىنا گالپېرىنا تەرىپىدىن ئىشلەنگەن. گەرچە، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىشلەنگەنلىكىگە بىر يىلچە بولغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە كۆرۈرمەنلىرى تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن فىلىملەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
2010-12-15
2010-يىلى 9-دېكابىر گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئۇيغۇر مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى. «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى»، «گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى» ۋە «گوللاندىيە ئۇيغۇر مەشرەپ ئانسامبىلى» قاتارلىقلارنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى بىلەن "تېروپىن" تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەشرەپكە گوللاندىيىلىك مېھمانلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
2010-12-15
10-دېكابىر كۈنى كانادا باش مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي تۈرمىسىدىكى ليۇ شاۋبونى تەبرىكلىدى. ستېپھېن ھارپېرنىڭ يازما باياناتىدا: مەن بۈگۈن نوبېل مۇكاپاتىدىن ئىبارەت بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن بارلىق زاتلارنى تەبرىكلەيمەن؛ بولۇپمۇ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى خىتاي تۈرمىسىدىكى ليۇ شاۋبونى ئالاھىدە تەبرىكلەيمەن. ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ قاراشلىرى كانادانىڭ تىنچلىق، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە سۆز ئەركىنلىكى قاتارلىق قىممەت قاراشلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە، دېيىلىدۇ.