ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-04-22
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى بۈگۈن، يەنى 22 - ئاپرىل كۈنى خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىگە يېقىن سېرىق دېڭىز رايونىدا باشلاندى. 27 - ئاپرىلغىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرغا رۇسىيە ۋە خىتاي دېڭىز كۈچلىرىنىڭ بىر قىسىم پاراخوتلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيە قوشۇنى قاتناشقان.
2012-04-22
خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ ستاتىستىكا تەكشۈرۈش ئەترىتى بايان ئېلان قىلىپ، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ رەت تەرتىپىدە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2012-04-22
رۇسىيە مۇتەخەسسىس ئالېكسېي ماسلوۋ يېقىنقى يىللار ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيادا 8 مىليون خىتاي ياشايدۇ دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2012-04-22
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 22 - ئاپرىل كۈنى گېرمانىيىنىڭ خاننوۋېر شەھىرىگە جەم بولۇپ، خىتاي دېموكراتلىرى، فالۈنگوڭچىلار ۋە تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋنىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى.
2012-04-21
دانىيىدىكى كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەشھۇر تۈركولوگ گۇننار يارىڭ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان «قەشقەرگە قايتا زىيارەت» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى.
2012-04-21
بۈگۈنكى «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزدە سىلەرگە ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىگە قىلغان زىيارىتى ھەققىدىكى بىر پارچە ئاۋازلىق ئەسەرنى تەقدىم قىلىمىز. ئاخىرىدا «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىز بويىچە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئەمىسە دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن.
2012-04-21
خوڭكوڭدا شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 16 - نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئاخبارات مۇكاپاتى مۇراسىمىدا فرانسىيە ئاگېنتلىقى بىلەن بىرلىكتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2012-04-21
يېقىندا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «بىرلىك» نامىدىكى جەمئىيەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھامىيلىقىدا «2012 - يىلنىڭ ئەڭ ئالامەت شاھزادە ۋە شاھىنىسى» ناملىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.
2012-04-21
ھېلىقى بىزنى باشلاپ كەلگەن پاكار بويلۇق،قىسماق كۆزلۈك خىتاي ئايال كېلىپ بىزگە ئاشخانىدىن كىچىك بالىنىڭ مۇشتۇمىدەك تۆت دانە قىزىل قوناقنىڭ ھوردا پىشۇرغان نېنىنى (موما) ئېلىپ كېلىپ بەردى، بىز ئۇنىڭغا - بەك ئۇسساپ كەتتۇق،سۇ ئېلىپ كېلىپ ئالايلىمۇ دەپ سورىدۇق...
2012-04-21
ئامېرىكا - فىلىپپىن دائىرىلىرى خىتاي ئۆزنىڭكى ئىكەنلىكىنى ھەدەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز بوسۇغىسىدا مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە خىتاي - روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى سېرىق دېڭىزدا مانېۋىر باشلاشقا تەييارلاندى.
2012-04-20
بۈگۈن يەنى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە 3 نەپەر ئۇيغۇر، بېيجىڭ شەھەر ئىچىدە قاتناۋاتقان 678 - نومۇرلۇق ئاپتوبۇسغا چىققان. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە داۋاگەر ئىكەنلىكىنى بايقىغان شوپۇر دەرھال ئاپتوبۇسىنى توختىتىپ 110 - نومۇرلۇق ساقچى چاقىرىش مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغان؛ ئارقىدىن ئاپتوبۇسنىڭ ئىشىكلىرىنى تاقاپ بارلىق يولۇچىلارنى ئاپتوبۇسقا قامىۋالغان.
2012-04-20
ئەنگلىيىدە 15 - ئاپرېلدىن 18 - ئاپرېلغىچە داۋام قىلغان خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرى بىرلىكتە نامايىش قىلىپ، خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2012-04-20
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشكە باشلىدى. بۇرۇن بۇ مەسىلىگە تۈركىيىدىكى ئوڭچى، مىللەتچى، دىندار پارتىيىلەر ئىگە چىققان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيىدىكى ئوڭچى، سولچى، مىللەتچى پۈتۈن سىياسىي پارتىيىلەر كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.
2012-04-20
2012 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئىستراتېگىيىسى توغرىسىدا لېكىسىيە بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2012-04-20
گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئاخىرقى بەش نەپەر ئۇيغۇردىن ئىككىسى 19 - ئاپرىل قويۇپ بېرىلىپ، سالۋادورغا ئورۇنلاشتى. سالۋادورغا بېرىشنى رەت قىلغان يەنە ئۈچ نەپەر تۇتقۇن گۇەنتانامو تۈرمىسىدە قالدى.