ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2017-01-22
خىتاينىڭ مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىدىن بىرى تيەنجىن شەھىرىنىڭ سابىق مۇۋەققەت پارتىيە سېكرېتارى ۋە مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىنگو جازالانغان.
2017-01-22
خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى ئاچقان تەيۋەن خىزمىتى يىغىنىدا 2017-يىلىدا تەيۋەن ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرى ھەم تەيۋەن ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە قاتتىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
2017-01-21
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاۋانگارتلار ئېقىمىغا مەنسۇپ شائىرلاردىن تاھىر ھامۇت، پەرھات تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئامېرىكا ۋە ئىنگىلىز تىلى دۇنياسىدىكى شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشمەكتە.
2017-01-21
باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يېقىندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىننىڭ 1934-يىلى 27-ئىيۇل كۈنى شېڭ شىسەيگە يازغان بىر پارچە جاۋاب مەكتۇبىنى ئېلان قىلغان.
2017-01-21
ئىگىلىنىشىچە، يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى 4-ئەۋلاد داڭلىق ئەنئەنىۋىي چېلىشچى مېھمان ھەمراھ خىتاينىڭ 2016-يىللىق «تەنتەربىيە روھى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2017-01-21
بۇ يىل قىشتا دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا بىنورمال تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈپ، ھازىرغىچە سوغۇق چۈشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ شىمالى ۋە سىبىرىيە ئەتراپىدىكى رايونلاردا يېقىنقى بىرقانچە كۈن ئىچىدە قاتتىق سوغۇق كۆرۈلمەكتە.
2017-01-20
بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ گېزىتلىرىدىن بىر بولغان «ھۆرىيەت» گېزىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرك ساقچىلىرىغا قارىتىپ يازغان مىننەتدارلىق خېتى خەۋەر قىلىندى.
2017-01-20
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۈگۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا 1.5 ترىلليون سوم (يەنى 218 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سالماقچى بولغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان.
2017-01-20
لياۋنىڭ تېلىۋىزىيەسىنىڭ مەشھۇر رىياسەتچىسى لياڭ خۇڭدا ئۆزى ئىشلىگەن بىر پروگراممىدا خىتاينىڭ ئۈلگىلىك قەھرىمانى لېي فېڭنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىدى.
2017-01-20
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 20-يانۋار كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش قەسەمياد يىغىنىغا قاتنىشىپ، مىليونلىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا قەسەم بېرىپ، رەسمىي تۈردە ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولدى.
2017-01-20
مۇشۇ ئاينىڭ بىشىدا چېڭدۇدا ئېچىلغان سىچۈەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا بىر تىبەت ۋەكىلى چېڭدۇدا ياشاۋاتقان تىبەت پەرزەنتلىرىنىڭ چېڭدۇدا ئانا تىلدا تەربىيە كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق بولۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2017-01-20
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2017-01-20
ئىلھام توختىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتايچە تورىدا ئىلھام توختىنىڭ ئۆزىگە خەۋپ كېلىش ھەققىدىكى خىتايچە ئاۋاز خاتىرىسى ئېلان قىلىندى.
2017-01-20
گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» «تەشكىلاتچىلىق ساۋاتلىرى» ھەققىدە كۇرس ئورۇنلاشتۇردى.
2017-01-20
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئادىل ھوشۇر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيدا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلىرى ئۈستىدە توختالدى.