ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-19
بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچ سائەت 9:00 دا، بىر خىتاي ساقچى 4 ئامپۇل تەييار ئوكۇلنى ئېلىپ، ياردەمچى ساقچى ئابلىمىتنىڭ ھەمراھلىقىدا خوتەننىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدىكى بىر يېزىلىق دوختۇرخانىغا كېلىدۇ.
2013-12-19
پۇتۇنلەي قوش تىل ئوقۇتۇشىدا تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇر بالىلىرى تۇنجى تۈركۈمدە بۇلتۇردىن باشلاپ ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇشقا باشلىدى، ئىنكاس ۋە ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئوقۇتقۇچىلارنى، ئاتا ئانىلارنى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئېچىندۈرۇۋاتقىنى - ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەم قويۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىدىمۇ، خىتايچىدىمۇ ئوخشاشلا تولۇق ساۋاتلىق بولالمايلا قالماي، كەسپىي دەرسلەردە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سەۋىيىگە يەتمەيۋاتقانلىقىدەك ئاچچىق رىئاللىق.
2013-12-19
نۆۋەتتە خىتاينىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرىنىڭ يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەڭ ئېغىر دەرىجىگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
2013-12-19
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 260 مىليون يېزىلىق كۆچمەن خىتايغا، شەھەر نوپۇسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ سىياسەت شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەش ئارزۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا توغرا كەلمىگەن.
2013-12-18
خىتاي 15-دېكابىر كۈنى قەشقەر كوناشەھەر سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە، 16 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئارىسىدا ئىككى نەپىرىنىڭ ساقچى خادىمى، قالغانلىرىنىڭ بولسا تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئەمما كىملىكلىرىنى تەپسىلىي ئاشكارىلىمىغان ئىدى.
2013-12-18
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن قەشقەر توققۇزاقتىكى يەرلىك دائىرىلەر ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ 15-دېكابىر «سايباغ ۋەقەسى» ھەققىدە بەرگەن بىر-بىرىگە زىت ئۇچۇرى، خىتاينىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىق پىكرىگە ئىلگىرىلەپ گۇمان پەيدا قىلدى.
2013-12-18
ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ «دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى» دېگەن تەشۋىقاتلىرىنى «پۈتۈنلەي سەپسەتە» دەپ رەددىيە بەردى.
2013-12-18
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن UNPO (خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ياۋروپا پارلامېنت بىناسىدا «خىتاي رەھبەرلىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ھازىرمۇ؟» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
2013-12-18
15-دېكابىر قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسى سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەگە قارىتا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تور بەتلىرىدە بايانات ئېلان قىلدى.
2013-12-18
قازاقىستاننىڭ يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاستانا شەھىرىنىڭ ئاقئوردا بېناسىدا دۆلەت بايرىمى-مۇستەقىللىق كۈنى ھارپىسىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ بىر قاتار مەملىكەت خىزمەتچىلىرىگە، ھەربىيلەرگە، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن ئەرباپلىرىغا دۆلەت مۇكاپاتلىرىنى تاپشۇرغانلىقىنى خەۋەرلىدى.
2013-12-18
بۈگۈن مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي، ئىران ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنى مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ تۈرمىگە قامالغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
2013-12-18
بۈگۈن شىنخۇا خەۋەرلەر تورى قەشقەر شەھىرىدە چوڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەسى بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە تارماقلىرى ئىككى يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدا يېڭىدىن چوڭ ۋە پەۋقۇلئاددە چوڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەسى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش نىشان رايونىدىن ئىككىنى بايقىغان.
2013-12-18
ئۇيغۇر رايون ساقچى دائىرىلىرى كوناشەھەرنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئالاقىدار يەنە 6 كىشىنى قولغا ئالغان. تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، گۇماندارلار بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى، قولدا ياسىغان قورال ۋە پىچاقلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-12-18
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستانچى» تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىدە ھەمكارلىشىشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئوخشاش تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-12-18
بۈگۈن، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ۋە خىتايغا ئائىت ئىككى پاراخوتنىڭ دېڭىزدا بىر-بىرىگە خەتەرلىك دەرىجىدە يېقىنلاشقانلىقىنى ئىقرار قىلدى. ئەمما ئۇلار ئەينى چاغدا خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ دېڭىزدا نورمال چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.