ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-02
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قېتىم ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ياكى بايانات ئېلان قىلغان چېغىدا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى گۇرۇپپىلارنى ئاز ساندىكى كىشىلەر دەپ كۆرسەتسە، سۈكۈت ئىچىدىكى كىشىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى كۆپ سانلىق ئامما دەپ كۆرسەتمەكتە.
2008-12-01
21 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەيدىز ھەققىدە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇمات ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى 2008 - يىلى 9 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز كېسىلى يەنى HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 24 مىڭ 818 گە يەتكەنلىكىنى، ئۆتكەن يىل بىر يىل ئىچىدە يەنە 3928 ئادەمنىڭ ئۆزىگە مەزكۇر ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
2008-12-01
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، پۇل - مۇئامىلە مەركىزى بولغان بومباي شەھىرىدە، 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كەچ سائەت 11 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە توساتتىن ئوق ئېتىلغان، گرانات پارتلىغان ۋەھىمىلىك ئاۋاز ئاڭلىنىشقا ۋە ئوت كېتىپ كۆتۈرۈلگەن ئىس - تۈتەك كۆرۈنۈشكە باشلىغان.
2008-12-01
2006 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەسىس قىلىنغان خەلقئارا يىپەك يولى كىنو فېستىۋالىنىڭ ئۈچىنچىسى تۈركىيىنىڭ 4 - چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدىغان بۇرسا شەھرىدە رەسمى باشلاندى.
2008-12-01
"تۇرانىلار ۋە پان - تۇرانىزم" دېگەن تارىخي ئەسەر ئەخمەت يەسەۋىي فوندىغا قاراشلىق يەسەۋىي نەشىرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
2008-12-01
1 - دېكابىر، دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان باراك ئوباما، ئۆز ھۆكۈمىتىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملارنى جاكارلاش خۇسۇسىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2008-12-01
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن تۇنجى يۇقۇملانغۇچى 13 يىل ئىلگىرى بايقالغان بولۇپ، مۇشۇ 13 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 60 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
2008-12-01
خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ يىل نويابىردىكى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا بۇنىڭ بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى سىياسىي داۋالغۇش كېلىپ چىقىش تەھدىتنى كۈچەيتىۋەتكەن.
2008-12-01
رۇسىيە نۆۋەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن ئىكەن.
2008-12-01
1 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس لوندوندا، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بومباي تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردە ھىندىستان دائىرىلىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
2008-12-01
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قېتىم ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ياكى بايانات ئېلان قىلغان چېغىدا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى گۇرۇپپىلارنى ئاز ساندىكى كىشىلەر دەپ كۆرسەتسە، سۈكۈت ئىچىدىكى كىشىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى كۆپ سانلىق ئامما دەپ كۆرسەتمەكتە.
2008-12-01
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى تەيۋەن جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تىببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى ۋۇ ۋېيخەننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي تۇيۇقسىز ئىجرا قىلغان ئىدى.
2008-11-30
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلقئارالىق توشۇش لىنىيىلىرى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئۇزۇن جايغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە، 105 خەلقئارالىق توشۇش لىنىيىسى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چەت ئەللەرنى ھەم باشقا جايلارنى سودا جەھەتتىن باغلاپ تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىڭ ئەتراپىدىكى 8 دۆلەتكە 29 ئېغىز ئېچىپ ئېكسپورت - ئىمپورت پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا.
2008-11-30
رۇسىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بەك ئاز، ئەمما ئۇلار ئىچىدىن چىققان ئادەملەر بەك ساز بولسا كېرەك، يېقىندا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدا تارقىتىلىدىغان "ئۇيغۇر خەلقى" دەپ ئاتالغان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا يېزىلىشىچە، رۇسلار تەرىپىدىن ماخا شېرمەت ياكى مىخائىل شېرمەت دەپ ئاتالغان بىر ئۇيغۇر بوكس چېمپىيونى رۇسىيىدىكى تۇنجى كىكبوكس كۇلۇبىنى قۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد دۇنيا چېمپىيونلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىلدۈرگەن.
2008-11-30
مۇمبايدىكى ھۇجۇملاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 195، يارىدار بولغانلارنىڭ 300 نەپەرگە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.