ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-23
كېيىنكى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىقتىسادى كىرىم ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتە، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ بېرىشى، خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولغان، يېزىلاردا كۆپ قېتىم ھاكىمىيەتنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىگە قارشى ئىسيانلار مەيدانغا كەلگەن ئىدى.
2008-12-23
بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە پەرزەنتلىرى ئۆلگەن ئاتا - ئانىلاردىن 60 كىشى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ دېياڭ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى.
2008-12-23
پورتۇگالىيە ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلارغا پاناھلىق بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقىشىغا ياردەملىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن گېرمانىيە ئەگەر ئامېرىكا گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقىسا، ۋەتىنىگە قايتالمايدىغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2008-12-23
تۈنۈگۈن دۇنيادىكى بىرقىسىم نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىپلىرى ۋە خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىلىرى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يېزىپ سىياسىي تۇتقۇن، پروفېسسور ليۇ شاۋبونى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2008-12-22
ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى دىنىي ئەركىنلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر دىنىي جەمئىيەت يېقىندا چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى قەشقەردىكى بىر تۈرمە ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئىدى.
2008-12-22
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە يەنى " بالىلارغا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلۈكىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى " دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى " مەرىپەت " تور مەيدانىدا ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تور مەيدانلىرىدا ئېلان قىلىنغان.
2008-12-22
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە دائىرىلىرى دائىم دېگۈدەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىزچىل ياخشى ئىكەنلىكى، بۇ يەردە ھېچقانداق مىللىي زىددىيەت ۋە مىللىي مەسىلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخىسلىرىنى بولسا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەتتا تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
2008-12-22
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، خىتايدىكى بىر تۈركۈم مەشھۇر زىيالىيلار، ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىرلىكتە ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر چاقىرىقنامە ئېلان قىلغان ئىدى.
2008-12-22
يېقىندا ئېگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان " ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى" جەريانىدا نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلغان.
2008-12-22
د ئۇ ق نىڭ يوليورۇقى بۇيىچە 2008 - يىلى ئاخىرلىشىپ 2009 - يىلى كىرەي دەپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە يەنى 22 - دېكابىردا تۈركىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان چاناققەلئە ۋىلايىتىدە ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە `شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى` تېمىسىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلغان.
2008-12-22
2008 - يىلى 20 - دېكابىر كۈنى، ياۋروپا - ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى تەرىپىدىن "تۈرك دۇنياسىدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى" دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2008-12-22
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا، ئىلگىرى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىككى نەپەر تىبەتكە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن بولۇپ، رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تىبەتلەرگە تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سىرتقى دۇنياغا ئاشكارىلىغان دېگەن جىنايەت ئارتىلغان.
2008-12-22
گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى يېڭى سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش پىلانى ھەققىدە توختىلىپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ھەربىي تۈرمىدە يېتىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.
2008-12-22
خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭنەن شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئادەم چىقىرىپ ئۆز تەۋەلىكىدىكى نەندايۈەن يېزىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ئىگىلىگەن بولۇپ، نەتىجىدە دېھقانلار بىلەن باستۇرۇپ كىرگۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
2008-12-22
ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ھېيت - بايرام ۋە يېڭى يىل مەزگىلىدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا "ئاقما نوپۇسنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش" قاتارلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئالغان.