ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2020-12-24
زۇلۇمنىڭ قەپەسلىرىدە ياشاۋاتقان مۇڭلۇق خەلقىمىزگە قەھرىمانلىق قىسسەلىرى ئارقىلىق تەسەللى بېرىۋاتقان، قەھرىمانلارچە ياشىغان ئەجدادلارنى ئەسلىتىپ قەھرىمانلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر قەلەم يېزىشتىن توختىدى. 13-دېكابىر كۈنى مەرھۇم يازغۇچىنىڭ تېنى تۇپراقنى قۇچاقلىدى.
2020-12-24
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «پۇتبول دىرېكتورى-2021» (Football Manager 2021) ناملىق پۇتبول تەقلىدى سىن ئويۇنىدىكى «يېڭى نەسىل (newgen)» ناملىق ئويۇن تۈرىدىن ئۇيغۇر پۇتبولچىلار چىقىرىۋېتىلگەن. بۇرۇنقى ئويۇندىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ ئورنىغا خىتاي پۇتبولچىلار سەپلەنگەن.
2020-12-24
يېقىندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكلەر بويىچە كومىسسىيەسى ئەينى چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىككى جۇمھۇرىيىتىنى دىنىي ئەركىنلىكلەر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مەملىكەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى.
2020-12-23
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇۋەققەت دىرېكتورى رىك گرېنېل خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن روسىيەدىنمۇ چوڭ تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەن.
2020-12-23
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مېرال ئاقشەنەر ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنى خاتا تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاغزىنى ئېچىپ بىر ئېغىز سۆز قىلالماسلىقىنى مانا بۇ خاتا سىياسەتلەرنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتكەن.
2020-12-23
فىرانسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى يېڭى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
2020-12-23
«خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىم نېفىتلىكىدىن 2020-يىلى جەمئى 30 مىليون توننا نېفىت-گاز ۋەزنى قىممىتىدە نېفت ۋە تەبىئىي گاز قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئومۇمى قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (65 مىليارد خىتاي سومى)دىن ئاشىدىكەن.
2020-12-23
ماركو رۇبيونىڭ تور بېتىدىكى ئۇقتۇرۇشتا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە ھازىر تاغدەك ئىسپاتلار يىغىلىپ بولدى. ئەمدى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق قارار ئېلىش پەيتى يېتىپ كەلدى» دېيىلىدۇ.
2020-12-23
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يېڭى ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنىڭ گۈل تاجى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى بارغانسېرى دۇنيا مىقياسىدا كۆپلەپ ئومۇملىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بۇ يېڭى يۈزلىنىش ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن تالاش-تارتىشقا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
2020-12-23
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1978-يىلى بىر قاتناش قازاسىدا كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىدىن ۋاز كەچمىگەن. 1980-يىلى ئىستانبۇلدا نەشرىيات مەركىزىنى قۇرغان. 1985-يىلىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنى قۇرۇپ، ئۆز دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرغان.
2020-12-23
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ تۈرتكىسى ۋە خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
2020-12-23
22-دېكابىر كۈنى، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تونۇلغان جامائەت ئەربابى ۋە دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تور خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.
2020-12-23
پاكىستانلىق سودىگەر بۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ ساقچى ماشىنىسىدا ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ ئاجىزلىقى، روھىنىڭ تۆۋەنلىكىگە ئوخشاش نورمال ئادەملەردىن پەرقلىق تەرەپلىرىگە قاراپ ئۇلارنى لاگېردىن ئېلىپ كەلگەنلەر بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.
2020-12-22
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو 21-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرلىكتە، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەكىتلىدى.
2020-12-22
بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم بېيجىڭدا قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.