ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-07-24
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان ئاخبارات ۋە تور كونتروللۇقىنى تەنقىد قىلىپ، تورغا پىكىر يازغۇچىلارنى ۋە ئۇچۇر يوللىغۇچىلارنى جازالاۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2013-07-24
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېتىنىڭ 23-ئىيۇل خەۋىرىگە قارىغاندا، چەتئەللەردىكى «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئالاقە پونكىتى» دەسلەپتە ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت بەش دۆلەتتە ئىش باشلىغان.
2013-07-24
1933-يىلى، 12-ئاپرېل ئۆزگىرىشىدە ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن شېڭ شىسەي، 1934-يىلى، 2-ئايغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ۋە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن جاڭ پېييۈئەن ۋە ما جوڭيىڭ قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ، ئۈرۈمچىنى قوغداپ قالدى ھەم ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىۋالدى.
2013-07-24
بىر مېيىپ كىشى بېيجىڭ ئايرودرومىدا پەيدا قىلغان پارتلىتىش ۋەقەسىدە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋەقە سادىر قىلغۇچىغا جىنايەتچى ياكى تېررورچى ئەمەس، بەلكى بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلدى.
2013-07-24
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ ئېلى ئابلىمىت قاتارلىق 4 خىزمەتچىسى تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشتەك ھەرىكەتلەردە بولماقتا.
2013-07-24
«ئەرك تېلېۋىزىيىسى» ئۇزۇن يىللاردىن بېرى «سىياسەت مەيدانى» ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىيونلار، زىيالىيلار ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ھاياتى ۋە دەۋاغا بولغان كۆز قارىشىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە ئىدى.
2013-07-24
مەتبۇئاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئەقىدىسىنى ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي ئەقىدىلەر دېگەن پەتىۋالىرى بىلەن بىلەن يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
2013-07-24
باش شتابى ئامېرىكىدىكى ھېسس (HESS) نېفىت شىركىتى ئۇيغۇر ئېلى نېفىتلىكىگە مەبلەغ سالماقچى. «ۋال سترىت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھېسس شىركىتى خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت گۇرۇھى بىلەن بۇ توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
2013-07-24
ئۆتكەن شەنبە كۈنى بېيجىڭ ئايروپورتىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشقا ئۇرۇنغان پالەچ كىشى ئەسلى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان كىشى ئىكەن.
2013-07-24
خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتى بۇ ئايدا يەنە تۆۋەنلىدى. بۇ ئايدىمۇ خىتاي ئىقتىسادىدا ئۆتكەن 11 ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان تۆۋەنلەش ھالىتىدە ياخشىلىنىش بولمىدى.
2013-07-24
بېيجىڭلىق بىر ناخشىچى يازمىسىدا خىتاينىڭ بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىنى پارتلاتقۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەمما، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى مەزكۇر تېكىستنىڭ پەقەت ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، ناخشىچىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
2013-07-24
ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېڭى تىپتىكى دېڭىز قوغداش ئەترىتى كېمىلىرى ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىنلاشقان. بۇ، شۇ خىلدىكى خىتاي كېمىلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا تۇنجى قېتىم بايقىلىش ئىكەن.
2013-07-23
سىياسىي مەھبۇس ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىم 1991-يىلى قولغا ئېلىنىپ 12 يىللىق كېسىلگەن. 2002-يىلى جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن سوت ئېچىلىپ جازا مۇددىتى تۆت قېتىم ئۇزارتىلغان. ئاخىرقى قېتىمقى ھۆكۈمدە جازا مۇددىتى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 30- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ دەپ بېكىتىلگەن.
2013-07-23
يېقىندا ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن شەھىرىدە ئېچىلغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا فېيىسبۇكنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشلىتىلىشى ھەققىدە بىر تەتقىقات ماقالىسى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلدى.
2013-07-23
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىدىغان «شىنجاڭ سىياسىي قانۇن تورى» 23-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى، لۈكچۈن ۋەقەسى يۈز بېرىپ 28-ئىيۇندىن باشلاپ 15-ئىيۇلغىچە بولغان يېرىم ئاي ئىچىدە 199 كىشىنى توردا ئىغۋا تارقاتقانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىپ، 72 كىشىنى رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.