ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-10-17
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى ليۇ شاۋجۇ ئەپەندى "پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى جۇڭگوغا قاچان يىتىپ كېلىدۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: بەلكىم كېلەر يىلى، بەلكىم بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن... پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى خۇددى خەلقئارا پويىزغا ئوخشايدۇ، بۇ پويىز 1997 - يىلى ئاسىيادىن يولغا چىقىپ رۇسىيىگە، ئاندىن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە يىتىپ كەلگەن.
2008-10-17
بۇ يىلغا قەدەر 1450 نەپەر ئۆزبېكىستان پۇقراسى ئادەم بېدىكچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 17 - ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتتىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەدىكار ئەرلەر ۋە جىنسىي قۇللۇققا سېتىۋېتىلگەن ئاياللارمۇ بار ئىكەن.
2008-10-17
دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تۆۋەنلەشكە ئەگىشىپ ئامېرىكا ئويۇنچۇق شىركەتلىرى قارمىقىدىكى خىتاي شىركەتلىرى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ زاۋۇتلار ئىشچى بوشىتىشقا باشلىغان.
2008-10-17
بۈگۈن خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۇچۇن بەرگەن ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ سۈرۈكى توشقان بولۇپ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتايدا تورخانىغا كىرىش بارغانچە قىيىنلاشتۇرۇلغان.
2008-10-17
16 - ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن خىتايدا بىر ئىشخانا تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئىشخانا ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردە ئاچقان شۇ خىلدىكى تۇنجى ئىشخانىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
2008-10-16
خىتايدا يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئۆي - مۈلۈك بازىرىدا كاساتچىلىق يۈز بەرمىگەن؛ ئەمما پات ئارىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىدىن ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. بۇ ۋەزىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئىقتىسادىغا ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
2008-10-16
ھەر قانداق بىر خەلق ئۆزىنىڭ قەھرىمان ئوغۇل - قىزلىرىنى سۆيىدۇ، ئەسلەيدۇ ۋە بېشىدا كۆتۈرىدۇ. زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلغان شەخىسلەر خەلق تەرىپىدىن ئەڭ سۆيۈلگەن شەخسلەردۇر. ئۇنداق شەخسلەر تارىخ سەھىپىسىگە ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلىدۇ.
2008-10-16
گۇەنتانامو ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم بولۇپ، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر پارچە ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ سەۋەبىدىن بىر نەپەر ئامېرىكا دىپلوماتى، گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق دىپلوماتىيە سەپىرىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
2008-10-16
خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قائىدىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر قائىدىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى ئەتە يەنى 17 - ئۆكتەبىر كۈنى تولىدۇ.
2008-10-16
ئامېرىكىدا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن داۋاملىشىۋاتقان پرېزىدېنت سايلىمىدا كىمنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مەلۇم بولىدۇ، مۇشۇ ئاخىرقى كۈنگە 19 كۈن قالغاندا، يەنى 10 ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، نيۇيورك شەھىرىنىڭ لوڭ ئايلاند ئارىلىدىكى خوفسترا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى جوھن مىككېيىن ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى.
2008-10-16
1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن كۆپ ساندا تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بۇ تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلدى.
2008-10-16
يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك قاتارلىق جايلىرىدا سايلام پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىشكەك شەھەرلىك مەجلىسكە بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن.
2008-10-16
بىز "ئاق ئالۋاستى" دەپ ئاتاۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك بىر بالايى ئاپەت ئىكەنلىكىنى ھەممە ياخشى بىلىپ يەتمەكتە. ھەركىم ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى خالايدۇ. ھېچكىم ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا كۆنۈپ قېلىشنى ياقتۇرمايدۇ. پەقەت بەزى كىشىلەر ئادىمىي شەيتانلارنىڭ ھەر تۈرلۈك توزاقلىرى تۈپەيلى بىلمەستىن بۇ تۇياق يولغا كىرىپ قالىدۇ.
2008-10-16
ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 16 - ئۆكتەبىر كۈنى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، ھۆكۈمەت ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان مۇنازىرىلەر سەۋەبىدىن توختاپ قالغان.