ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-29
بۈگۈن 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئاتۇش، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا قوش تىللىق مائارىپ تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2008-05-29
نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 29 - مايدىكى سانىدا، مەزكۇر گېزىتىنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى نىكولاس كرىستوفنىڭ قەلىمى ئاستىدا "تېررورچىلىق ۋە ئولىمپىك" ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.
2008-05-29
رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترى مېدۋىدېۋنىڭ يېقىندا ئاخىرلاشقان خىتاي زىيارىتى مېدۋىدېۋنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان تۇنجى چەتئەل سەپىرى ئىدى. شۇ سەۋەبلىك رۇسىيە رەھبىرىنىڭ سەپىرى بىر مەزگىللىك بولسىمۇ دۇنيادا كۆپ غۇلا - غۇلا قىلىندى.
2008-05-29
تۈركىيىدىكى داڭلىق ئوبزورچى، ژورنالىست سەرۋەت قاباقلى ئەپەندى 1956 - يىلىدا تۈركىيىنىڭ ئېلازىغ ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا ژورنالىستلىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ھەم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى يېقىندىن تەقىپ قىلىپ كېلىۋاتقان شۇنداقلا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان بىر ژورنالىستتۇر.
2008-05-29
گېرمانىيىلىك يازغۇچى ئالىكساندىرا خانىم تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىنى مەزمۇن قىلغان "گۈلدۈرماما" ناملىق ئەسەر ۋە ئەنگلىيىلىك يازغۇچى كىرىستىيان تەيلېر تەرىپىدىن يېزىلغان "تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى" قاتارلىق ئەسەرلەر بۇنىڭ مىسالى.
2008-05-29
ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بىراۋغا قارشى ئۆچ - ئاداۋەت بولمايدۇ. بىرەر كىشىنىڭ پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سۆيۈنىدۇ. بېرەر كىشىگە زىيان يەتكەنلىكىنى كۆرگىنىدە قايغۇرىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشىلەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ياخشلىق ۋە بەخت تىلەيدۇ.
2008-05-29
خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 گە قەدەر، سىچۈەننىڭ ۋېنچۈەن رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى 68 مىڭ 516 گە يەتكەن، ئاپەتتە يارىلانغانلار سانى 360 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، 19 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ ئىز - دېرىكى تېپىلمىغان.
2008-05-29
فرانسىيىنىڭ داڭلىق ماركىسى Chiristian Dior نىڭ خىتايدىكى تارمىقى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى Dior ماركىسى دۇكانلىرىدا، ئامېرىكا Holliwood نىڭ مەشھۇر ئارتىسى Sharin Stone نىڭ ئېلان سۈرەتلىرىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-05-29
فرانسىيىنىڭ داڭلىق ماركىسى Chiristian Dior نىڭ خىتايدىكى تارمىقى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى Dior ماركىسى دۇكانلىرىدا، ئامېرىكا Holliwood نىڭ مەشھۇر ئارتىسى Sharin Stone نىڭ ئېلان سۈرەتلىرىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-05-29
خىتاي ھۆكۈمىتى، سابىق فۇجو گېزىتىنىڭ مۇخبىرى لى چاڭچىڭنىڭ، شۋېتسارىيە تەرىپىدىن بېرىلگەن " ئالتۇن قەلەم ئەركىنلىك مۇكاپاتى" نى قوبۇل قىلىشىنى چەكلىدى.
2008-05-29
خىتاي ھۆكۈمىتى، سابىق فۇجو گېزىتىنىڭ مۇخبىرى لى چاڭچىڭنىڭ، شۋېتسارىيە تەرىپىدىن بېرىلگەن " ئالتۇن قەلەم ئەركىنلىك مۇكاپاتى" نى قوبۇل قىلىشىنى چەكلىدى.
2008-05-29
خىتاينىڭ مەتبۇئاتلىرىدىن شىنجاڭ گېزىتىدە، 29 - ماي كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا " قوش تىللىق مائارىپ " سىياسىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
2008-05-29
يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيىنىڭ كۆلىن شەھىرىدە جەنۇبىي ئەزەربەيجان مەسىلىسى ھەققىدە سىمنارىيە ئۆتكۈزۈلگەن. سىمنارىيىگە گېرمانىيىدىكى شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللەر شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
2008-05-28
ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى سەيشەنبە كۈنى يېپىلدى. تەرەپلەر سۆھبەتتىكى مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تىلغا ئالسىمۇ، لېكىن سۆھبەت مەزمۇنىدىكى قىسمەن تەپسىلاتلار خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد كرامېر سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاپ، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش تەكلىپى بەرگەن.
2008-05-28
ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ۋە 2007 - يىلى ئاپرىلدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئانىسى ۋە ئايالى يېقىندا ئۇنىڭدىن بىر پارچە مەكتۇپ تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ھۈسەيىن جېلىل ئۆزىنىڭ بۇ مەكتۇپىدا ئانىسىغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خانىمى كامىلەنىڭ بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىشىنى، ئەلچىخانىدىن بىرەر كىشىنىڭ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كېتىش ئارزۇلىرىنى بايان قىلغان.