ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-10
ھىندىستان بۈگۈن، 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بومبايغا ھۇجۇم قىلىپ ئازا دېگەندە 170 ئادەمنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئىسىم - تەخەللۇسى ۋە سۈرىتىنى ئېلان قىلدى.
2008-12-10
دۇنيادا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاستىلاپ، نۇرغۇن شىركەتلەر تاقىلىپ كەتكەنلىكتىن، چەتئەللەرنىڭ خىتايغا سالىدىغان مەبلىغى 11 - ئايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36 ئازلىدى.
2008-12-10
بۈگۈن - دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سۇداننىڭ دارفۇر رايونىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بېلورۈسىيە، خىتاي، كۇبا، مىسىر، ئىران ۋە بېرمىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشتى.
2008-12-10
بۈگۈن - دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى جاكارلانغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارى ناۋانىتېم پىللاي خانىم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ب د ت نىڭ بۇ ئورگىنى ئارقىلىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
2008-12-09
دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ مىنۇتلاردا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ھىجرەت ئوتلىرى لاۋۇلدىماقتا. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرى ھېيتلىق سالاملىرىنى رادىئومىز ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى - سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا يوللىدى.
2008-12-09
قىممەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان مۇقەددەس قۇربان ھېيتنى تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزمەكتە. تۈركىيىدىكى مۇسۇلمانلار قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، بىر - بىرى بىلەن ھېيىتلاشماقتا.
2008-12-09
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 5 - دېكابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مېيىپ تۇتقۇن ئابدۇشۈكۈر قۇربان ھەققىدە ئاممىۋىي ھەرىكەت باشلىدى. كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئابدۇشۈكۈرنىڭ قىيىن - قىستاققا ئېلىنماسلىقىنى، ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش، ئادۋوكات تۇتۇش ۋە خەلقارا ئۆلچەملەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
2008-12-09
ھازىر خەلقئارادا مەشھۇر زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار ۋە پروفېسسورلارنىڭ خىتايدىكى ھازىرقى رىئال مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىسى نېمە؟ خەلق ئالىدىغان ساۋاق نېمە؟ خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ دېگەن تېمىلار بۇيىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇلاھىزىلىرى، مەسىلىلەر بۇيىچە قىلىشىۋاتقان بەس - مۇنازىرىلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.
2008-12-09
كانادا مەتبۇئاتلىرى، ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. بوز ھۆكۈمىتى، بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ دەپ قاراپ، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزمەيدۇ دەپ قارىغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا يەرلىشىشىگە ئىككىلىنىش پوزىتسىيىسىدە بولماقتا.
2008-12-09
قۇربان ھېيت نامىزى ئۇيغۇر ئېلىدە سەيشەنبە كۈنى ئوقۇلدى. لېكىن دۇنيانىڭ كۆپچىلىك مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە قۇربان ھېيت نامىزى دۈشەنبە كۈنى ئوقۇلغان ئىدى.
2008-12-09
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى قورغاس ناھىيىسىدە ھېيت - بايرام مەزگىلىدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار، تەيىنلىگەن ئون باشلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇچۇر - ئاخبارات يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك تەدبىر يولغا قويغان.
2008-12-09
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى قىرغىزىستانغا ئاڭلىتىش بېرىدىغان ئەركىن ياۋروپا ۋە ئازادلىق رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل رادىئو پروگراممىلىرىنى توختىتىپ قويغاندىن كىيىن، بۇ يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
2008-12-09
گېرمانىيە ۋە فرانسىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۆزبېكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى.
2008-12-09
خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى سىياسىي تەقرىزچى ليۇ شياۋبو ۋە يازغۇچى جاڭ زۇخۇالارنى 8 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى تۇتۇپ كېتىپ ئەتىسى قويۇۋەتكەن.
2008-12-09
دۈشەنبە كۈنى شاڭخەيدە مائاشىنى ئالالمىغان زاۋۇت ئىشچىلىرى نامايىش قىلغان بولۇپ، نامايىش سەيشەنبە كۈنىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇلغان.