ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-07
تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان كۆرۈشىشى ئاخىرى شەنبە كۈنى پولشانىڭ گدانسك شەھىرىدە ئەمەلگە ئاشتى.
2008-12-07
ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ياپونلارنىڭ خىتايدىن نارازى بولۇش كەيپىياتى كۈچىيىشكە باشلىغان.
2008-12-07
خىتاي دۆلەتلىك نېفىت باش شىركىتىگە تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى شىركىتىنىڭ دىرېكتورى سۇن پو 5 - دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 2009 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گازلىرىنى خىتايغا تارتىشنى قولغا كەلتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2008-12-07
11 - ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق ئەسىرى 1980 - 1984 - يىللىرى ئۈچ توم بولۇپ نەشىر قىلىنىپ، 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەزكۇر ئەسەرنى قايتا نەشىر قىلىش خىزمىتى قولغا ئېلىنىپ ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىشلەش ئارقىلىق ئاخىرى ئىككىنچى نەشىرى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن يورۇقلۇققا چىققان. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى نەشرى بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
2008-12-05
ئارزۇگۈل تۇرسۇن دوختۇرخانىدىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، دەسلەپكى بىر ھەپتىدە سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان، بولۇپمۇ روھىي كەيپىياتىدا ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەن.
2008-12-05
خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى كونتروللىقىدىكى بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا نۆۋەتتە، خىتايدا ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەرب دۇنياسىغا ئېچىلغان ئەڭ ئالدىنقى سەپ، ئەڭ ئالدىنقى مۇھىم ئىشىك ئىكەنلىكى شەرھىلىنىپ، بۇ ئوتتۇز يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە خەلقى ھەم ھەر ساھەسىگە مىسلىسىز تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەنلىكى تەسۋىرلەنمەكتە.
2008-12-05
بۈگۈن يەنى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھرىدە ئەزەربەيجان يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەخمۇت قەشقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە مەخمۇت قەشقىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن.
2008-12-05
ھازىر خەلقئارادا مەشھۇر زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار ۋە پروفېسسورلار، خىتايدىكى ھازىرقى رىئال مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىسى نېمە؟ خەلق ئالىدىغان ساۋاق نېمە؟ خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئۆزگۈرۈش بولىدۇ؟ دېگەن تېمىلار بۇيىچە مۇلاھىزە ۋە مەسىلىلەر بۇيىچە بەس - مۇنازىرە باشلاندى.
2008-12-05
قازاقىستان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئۇلارغا قانۇنى يوللار بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتى بېرىدىغان دۆلەت بولمىسىمۇ، لېكىن قانۇنسىز ياكى تۈرلۈك يوللار بىلەن ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سانى خېلى بار.
2008-12-05
تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ خىتاينى غەزەپكە سالغان 8 كۈنلۈك پولشا زىيارىتى جۈمە كۈنى باشلاندى. دالاي لاما شۇنى پولشانىڭ بالتىق دېڭىزى بويىدىكى گدانسك شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، گدانسك شەھەر باشلىقى پاۋېل ئاداموۋىچنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
2008-12-05
مەركىزى نيۇ - يوركتىكى خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئەڭ كۆپ قاماققا قامالغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-12-05
مەركىزى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى جۈمە كۈنى " خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي كىملىك" دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي دۆلىتىدە تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ مىللىي كىملىك مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.
2008-12-05
گۇيجۇدىكى يەرلىك خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانى پەيشەنبە كۈنى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى يېتىپ كېلىدىغان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گۇيجۇدا كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىدىن چېن شى ۋە شىن يونەنلەرنى تۇتۇپ كەتكەن.
2008-12-05
پەيشەنبە كۈنى باشلانغان خىتاي - ئامېرىكا 5 - نۆۋەتلىك سىتراتىگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشتى. سۆھبەتتە خىتاي بىلەن ئامېرىكا 20 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى داۋالغۇشنى تىنجىتىشكە ۋەدە قىلىشقان شۇنداقلا يېقىن ئارىدا يەنە بىر نۆۋەتلىك خىتاي - ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىقتىساد سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن.