ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-02
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسى چىڭسىخوزا بازىرىدا ئالدىنقى كۈنى تۇيۇقسىز كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، مەكتەپتىن قايتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن 7 نەپەر ئۆسمۈرنى كەلكۈن ئېلىپ كەتكەن، ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكى تېپىلمىغان.
2008-05-01
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن يەنى 30 -ئاپرىل كۈنى، ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى بىر زىياپەت زالىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئاۋستىرالىيىلىك بىر تۈركۈم دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.
2008-05-01
ئولىمپىك مەشئىلى خىتاينىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىنكى بىرىنچى بېكەت بولىدىغان خوڭكوڭدا مەشئەل پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىلەن خوڭكوڭ مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئاچقان يىغىنى ھازىر داۋاملىشىۋاتىدۇ.
2008-05-01
ئامېرىكا سوتچىلىرىنىڭ گۈەنتانامو مەھبۇسلىرىغا ئائىت ئەرزىيەت دىلولىرىنى كۆرۈپ چىقىش ھوقۇقى دائىرىسىدىكى مۈجىمەللىك ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرىدا تالاش - تارتىش قىلىنماقتا.
2008-05-01
تاتارلار تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە شانلىق تارىخقا ئىگە مىللەتلەردىن بىرى. تاتار سىياسەتچىلەر ۋە زىيالىيلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. تۈركىيىگە يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تاتارىستاندا تونۇلغان يازغۇچى، تارىخچى، تاتارىستان ئىتتىپاق مىللى مۇستەقىللىق پارتىيىسىنىڭ باشلىقى سابىق پارلامېنت ئەزاسى، تۈرك دۇنياسى ئاياللار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەۋزىيە بايروموۋا خانىم بىلەن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە تاتارلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
2008-05-01
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان " ئەل ۋەتەن" گېزىتىنىڭ 28- ئاپرىل سانىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يازغۇچى ئەشرەپ ئىھسان فەقىھ قەلىمى بىلەن " ساختىلىقلار دۇنياسى خىتاي" دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2008-05-01
يېقىندا بىشكەكتە " ئاسابە"، "ئاتاماكان" قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.
2008-05-01
بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تىبەتنى قوللىغۇچى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كېلىشى ۋە مەزكۇر مەشئەل فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىگە كەلگەندە بىر نامايىشچىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى مەجرۇھ خىتاي تەنھەرىكەتچى جىڭ جىڭنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي ئىچىدە فرانسىيىگە ئۆچمەنلىك تۇيغۇلىرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان.
2008-05-01
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيا رايونى بۇيىچە ئەڭ چوڭ مەسچىت سېلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى باستى. بۇ مەسچىت قازاقىستاننىڭ شەمەي شەھىرىدە قۇرۇلىدۇ، 1 - ماي كۈنى ھۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
2008-05-01
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى، CIA نىڭ باشلىقى گېنېرال مايكېل ھېيدىن، 30 - ئاپرىل كۈنى كېنىساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا 21 - ئەسىردىكى جىددىي ۋەزىيەت ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدا " مېنىڭچە، خىتاي دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت بولۇپ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىۋېرىشى مۇمكىن، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى بولۇشى ناتايىن " دەپ كۆرسەتتى.
2008-05-01
1 - ماي كۈنى ئەتتىگەن سائەت 3 دە خېنەن ئۆلكىسى نىڭلىڭ ناھىيىسىگە ئەيدىز بىمارلىرىنى يوقلىغىلى چىققان، بۇددا راھىبەسى شى مىياجۆ ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى لى شىگېلار ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ قاماققا تاشلانغان.
2008-05-01
29 - ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتوندا نەشردىن چىققان " ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئالىملىرىنىڭ باياناتى " دا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى يادرو تەھدىت دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.
2008-05-01
يېقىندا ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ "دۇنيا جامائەت پىكرى" ناملىق تور بېتىدە، دۇنيادىكى 20 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوللاش - قوللىماسلىق ھەققىدىكى راي سىناشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان.