ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-27
سۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ نېمەت ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئەڭ كاتتا ئىنئاملارنىڭ بىرىدۇر. سۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ نېمەتتىن قانداق پايدىلىنىش، كۈنىگە توختىماي ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان بۇ تىلنى قانداق قىلىپ ياخشى يولغا ئىشلىتىش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش. گەپ - سۆز شۇ ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە خاراكتېرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2008-05-27
يېقىندا " شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلىنىڭ 3 - سانىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان روھى ئامىللار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن ئىدى. ئاپتور بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خاراكتېرىدىكى ئاجىزلىقلارنى يېشپ، روھى ۋە پسىخولوگىيىلىك ئامىللار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن.
2008-05-27
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىدىكى تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئامېرىكىنىڭ پەنسىلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ دېرىكتورى، دىۋىد مەزگەر ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئاپەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-05-27
ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئۈنۈملۈك نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-05-27
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىدىكى تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئامېرىكىنىڭ پەنسىلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ دېرىكتورى، دىۋىد مەزگەر ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئاپەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-05-27
ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئۈنۈملۈك نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-05-27
5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا 50 كە يېقىن ئۇيغۇر ئەرىزدار تېنچ يوسۇندا، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدە دۇچ كېلىۋاتقان تەڭسىزلىكلىرى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.
2008-05-27
خوڭكوڭدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى بۈگۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك تەپتىش ئىدارىسى ئەيىبلەش بۆلۈمىنىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش" دېگەن جىنايەت بىلەن 14 كىشىنى ئەيىبلەپ قولغا ئالدۇرغانلىقىنى، ئەيىبلەنگۈچىلەر ئىچىدە 3 نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
2008-05-27
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر خىرسىتىئان مۇرىتى ئالىمجاننى " دۆلەت بىرلىكىنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، چېگرا سىرتىدىكىلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىگەن" دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، 27 - ماي كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە، يېپىق سوت شەكلىدە سوت قىلغان.
2008-05-26
ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارى ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرى كوندالىزا رايىسنىڭ بۇ يىل 2 - ئايدىكى بېيجىڭ سەپىرىدە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرى ياڭ جيېچى رايىسنىڭ شۇ قېتىمقى زىيارىتىدە سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2008-05-26
سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، يېڭى مۇستەقىل بولغان بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى 70 يىللىق سوۋېت تۈزۈمىگە ھەمدە بۇ تۈزۈم تەرىپىدىن قارىلانغان ھەم جازالانغان تارىخىي شەخسلەر، تارىخىي - سىياسىي ۋەقەلەر ۋە باشقىلارغا يېڭىۋاشتىن باھا بېرىش شۇنىڭدەك تارىخىي شەخسلەرنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ بار. بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان 20 - ئەسىردىكى مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى مۇستاپا چوقاينىڭ نامىنى ئۇلۇغلىماقتا.
2008-05-26
تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لاما بۇ يىل 24 - ماي كۈنى، ئەنگلىيىدە چىقىدىغان Guardian يەنى مۇھاپىزەت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىيارەت داۋامىدا ئۇ، خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن، تىبەتكە بىر مىليون نوپۇس يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلىيلەشسە، تىبەتتە ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2008-05-26
ئاۋسترالىيىدە تۇرۇۋاتقان ھۈسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈنۈگۈن ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق بالىلار سەنئەت كېچىلىكىدە بالىلار ئۈچۈن ئىئانە توپلانغان، توپلانغان ئىئانە پۈتۈنلەي مەكتەپلەرگە تەقدىم قىلىنغان.
2008-05-26
يەكشەنبە كۈنى، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە "چەتئەلدە ئاياللار دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقلىرى" ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2008-05-26
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بۇرۇندىن تارتىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بۇ مەقسەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈركىيىنىڭ سىۋاس تىرابزون ۋە گىرەسۇن ۋىلايەتلىرىدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتماقتا.