ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-04-24
مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 24 - ئاپرىل تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇندىن كېيىن ھەربىي مەشق زۆرۈر دەرسلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەر يىلنىڭ بەلگىلىك ۋاقتىنى مەخسۇس ھەربىي مەشق ئۈچۈن ئاجرىتىدۇ.
2008-04-24
ئامېرىكىنىڭ ياردمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى John Negroponte، چارشەنبە كۈنى تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، " بېيجىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلمىسە، تىبەت ھەرىكىتىدىكى رادىكال قاناتنى كۈچلەندۈرىۋېتىدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
2008-04-24
24 - ئاپرىل كۈنى ئاۋسترالىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل ئۇزۇتۇش پائالىيىتىدە، پائالىيەتنى قوللىغۇچى خىتاي نامايىشچىلار بىلەن پائالىيەتكە قارشىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئارىسىدا جېدەل چىققان.
2008-04-23
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدىكى تارىخى مەيدانىدىكى براندەنبۇرگەر تور دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
2008-04-23
ئولىمپىك مەشئىلى چارشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررا ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي ئايرودرومغا يېتىپ كەلگەندە مەشئەلنى كانبېرادىكى بىر ئاۋسترالىيە يەرلىك قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى كۈتۈۋالدى. كانبېرادىكى مەشئەلنى يەتكۈزۈش مۇراسىمى پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
2008-04-23
بىر قىسىم غەرب مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورچىلىق ھەرىكىتىگە چېتىش پائالىيىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ غەرب دۆلەتلىرىدە خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە باشلىغان.
2008-04-23
خىتاي ئىچى-سىرتىدا داۋام قىلىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنى دۇنيا جامەتچىلىكى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە. بۈگۈن ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى، ئامېرىكىدا بۈگۈن، خەلقئارالىق خەۋەرلەر سەھنىسى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى، مەزكۇر ھەرىكەت ھەققىدە خەۋەر ۋە مۇھاكىمىلەر ئېلان قىلدى.
2008-04-23
21 - 22 - ئاپرىل كۈنلىرى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام ئابدۇغېنى ئوغلى كەرىموف رەسمىي زىيارەت بىلەن قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئىككى كۈن تۇرۇپ، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نازاربايېف بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ كوپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى.
2008-04-23
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى يېقىندا خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سۇ ئىشلىرى نازارىتى بىلەن قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ سۇ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش كېلىشىمى تۈزگەن.
2008-04-23
'شىنخۇئا ئاگېنتلىقى' بۈگۈن 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا 100 كۈن قالغان كۈندىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان تەبرىكلەش ۋە تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئېلان قىلدى.
2008-04-23
خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاۋسترالىيىگە يېتىپ كەلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن كامبېرادىن خەۋەر قىلىشىچە، 24 - ئاپرىل كۈنى ئاۋسترالىيە پايتەختى كامبېرادا خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى يېقىلىدۇ.
2008-04-23
ياۋروپا پارلامېنتىدا ياۋروپا پارلامېنتى تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئاننا مارىيا خانىم تەييارلىغان خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بىر دوكلات ھازىر مۇزاكىرە قىلىنماقتا.
2008-04-23
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق مەھكىمىسى ۋفپ 22 - ئاپرېل كۈنى پۈتۈن دۇنياغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، دۇنيادا يېمەكلىك باھاسىنىڭ ھازىرقىدەك تېز ئۆرلەپ كېتىشى، بۇنىڭدىن كېيىن يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
2008-04-22
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدىكى خولىدەي ئىن مېھمانخانىسىدا تەنتەنىلىك باشلاندى.
2008-04-22
ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان يازغۇچى ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى 'كۆزىتىش جۇرنىلى'دا بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن 1300 يىل بۇرۇن خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسى تىبەت خانىغا مەلىكە ياتلىق قىلغان بىر رىۋايەت ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ئېلان قىلدى.