ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-26
دۇبەينىڭ " ئەل ئەرەبىيە" تېلېۋىزىيە قانىلىدا 2008- يىلى 26- ماي كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىقتىسادشۇناس دوكتور ئەلى قاھتانىي سەئۇدى ئەرەبىستان بازارلىرىنى قاپلاپ كەتكەن خىتاي بالا ئويۇنچۇقلىرى ئۈستىدە " خىتاينىڭ ئويۇنچۇقلىرى ۋە پەرزەنتلىرىمىز" دېگەن ماۋزۇدا توختۇلۇپ ئۆتتى.
2008-05-26
شۋېتسىيە دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىدىغان ئىككىنچى بىر دۆلەتتۇر. شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىدىغان بۇ دوكلات شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككىنچى يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
2008-05-26
يېقىندا شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە 2007 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگىمۇ كۆپ ئورۇن بېرىلگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما، خىتاي تەرەپنىڭ دالاي لاما بىلەن تىبەتنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە تۈزۈلىدىغان كېلىشىملەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن تىبەت خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى سۆھبەتلەردە "كېلىشتۈرگۈچىلىك" رولىغا نىسبەتەن ئىشەنچىنى يوقىتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دالاي لاما يەنە، بۇ ئىشتا ئۆز مۇرتلىرىنى بارغانچە باشقۇرالماي قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان.
2008-05-26
سىچۇەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتكەن يۈزلىگەن ئاتا - ئانىلار ھۆكۈمەتنى بۇ ئىشقا جاۋاب بېرىشكە قىستاپ نامايىش قىلغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشچە، ميەنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پارتىيە سېكرىتارى نامايىشچىلاردىن بۇ ئىشنى يۇقىرىغا ئەرز قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ يەرگە تىزلانغان.
2008-05-26
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مارسنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يوللىغان " قېقىنۇس" ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يەكشەنبە كۈنى مارسنىڭ شىمالى قۇتۇپىغا بىخەتەر قونغان بولۇپ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى NASA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن"قېقىنۇس" مارسقا ئائىت فوتو سۈرەتلەرنى ئەۋەتىشكە باشلىغان.
2008-05-25
سىچۈئەننىڭ چىڭچۈئەن ناھىيىسىدە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەر ئەتراپىدا 6.4 بال يەر تەۋرىگەن. خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە بىر ئادەم ئۆلگەن 260دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 24 نەپىرىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. چىڭچۈئەندىكى يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە يەنە بەزى تاش يوللار ئۈزۈلۈپ قالغان ھەمدە بىر قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلگەن.
2008-05-25
خىتاي ئۆزىنىڭ غەربىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن بولغان سودا - ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەتتە شەھەرنى خىتاي بويىچە نۇقتىلىق توشۇش تۆگىنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
2008-05-25
قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تونۇلغان مۇزىكانت، مەرھۇم قۇددۇس غوجامياروفنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان كونسېرت بولۇپ ئۆتتى.
2008-05-25
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىش بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە باشقا خىلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان سىچۈئەننىڭ ئاپەت رايونىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش تەمىناتىنى تولۇقلاپ بېرىش، ھەتتا ئوقۇش پۇلىنى بىكار قىلىش، بۇنىڭغا كېتىدىغان بارلىق چىقىمنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مالىيىسىدىن ئاجرىتىش بەلگىلەنگەن.

2008-05-24
خىتايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 60000 كىشىدىن ئاشقان بولۇپ، شەنبە كۈنى ب د ت نىڭ باش كاتىبى بان كى مون بىلەن بىرلىكتە ئاپەت رايونىدا زىيارەتتە بولغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 80 مىڭ كىشىدىن ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى، بىلدۈردى.
2008-05-24
خىتاي ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون براۋننىڭ تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
2008-05-24
خىتاي ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون براۋننىڭ تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.