ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-08-25
ئەخلاق ئىنسان زىننەتلىنىدىغان ئەڭ ئېسىل ۋە كۆركەملىك بىر كىيىم بولسا، ئەخلاقسىزلىق خۇددى كىيىمسىزلىككە ئوخشاش ھاياسىزلىقتۇر. شۇڭا قەدىمكىلەر" ھاياسىزدا ئىمان يوق" دەپ توغرا ئېيتقان. ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل زىيان - زەخمەتلەردىن ئۆزلىرىنى قوغداپ تۇرىدىغان ھايا دېگەن كىيىمدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، ھەر تۈرلۈك ئەخلاقىي جىنايەتلەرنىڭ ئازگىلىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
2008-08-25
2008 - بېيجىڭ ئولىمپىكى خۇددى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئوخشاشلا غايەت زور تەشۋىقاتلار بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا بۇ قېتىملىق ئولىمپىك ۋە خىتاي ھەققىدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا.
2008-08-25
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۈگۈن تىبەتتە ھەربىي قامال داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بۇتخانا ئەتراپلىرىنى، تۈرلۈك جامائەت سورۇنلىرىنى ۋە يول دوقمۇشلىرىنى ئىزچىل تۈردە نازارەت ئاستىدا تۇتماقتا.
2008-08-25
رۇسىيە پارلامېنتى بۈگۈن ئابخازىيە ۋە جەنۇبى ئاسسېتىيە مۇستەقىللىقىنى ئاۋازغا قويۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتىنى ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇشقا چاقىردى. چاقىرىق پارلامېنتتا تولۇق ئاۋاز بىلەن تەستىقلاندى.
2008-08-25
ئامېرىكا ئولىمپىكنىڭ خىتايغا تەسىر قىلمىغانلىقىنى، يەنى دۇنياغا ئېچىلىش ۋە ئەپۇچانلىق جەھەتتە خىتايدا ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاق ساراي ئولىمپىكنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە خىتاينىڭ 8 نەپەر ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىنى تىبەتنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى چېگرادىن ھەيدەپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2008-08-25
روېيتېرس، مەركىزى ئاگېنتلىق قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىدىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 500 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان. پەقەت قەشقەر شەھەر ئىچىدىن قولغا ئېلىنغانلار سانىلا 100دىن ئاشقان.
2008-08-25
ئىتالىيىدىكى سىياسەتچىلەر ۋە بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يەكشەنبە كۈنى، بېيجىڭ ئولىمپىكى جەريانىدا خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە قارشى سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلىگەن ئىتالىيىلىك تەنھەرىكەتچىلىرىنى تەبرىكلىدى.
2008-08-24
ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنىدىن تارتىپ، 199 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىدىكى ئىككى كىشى ئۆزگىچە ئىكەن، بۇلار فاتاھ پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەد ئەبۇ ئالى بىلەن سەيىد ئەر ئاتىبادۇر.
2008-08-24
قىرغىزىستاننىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى "ئىتەك يەر" ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ "بويىڭ - 737" ماركىلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى يەكشەنبە كۈنى بىشكەكتىكى ماناس ئايرودرومىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بەش كىلومېتىر يېقىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ھەمدە 100 دىن ئارتۇق يولۇچىنىڭ ئىچىدە 25 ئادەم ساق قالغان.
2008-08-24
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تاجىكىستاندىكى باش ئەلچىسى بىلەن تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكىنىڭ تاجىكىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋە قوغداش ئىشلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 13 مىليون دوللار ياردەم بېرىش ھەققىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىغان.
2008-08-24
ئامېرىكىنىڭ ئىلىنوي شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سايلام پائالىيىتىدە دېموكراتلار پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنت نامزىتى باراك ئوباما مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق نامزىتىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
2008-08-24
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بولۇۋاتقاندا نېپالدىكى تىبەتلەردىن خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر پايتەخت كاتماندۇدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
2008-08-24
يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدا 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يېپىلىش مۇراسىمى سەنئەت نومۇرلىرى ۋە سالىيوتلار بىلەن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
2008-08-23
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا تىبەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان 8 ئامېرىكا پۇقراسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
2008-08-23
مەركىزى فرانسىيىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى خىتايدا پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكى جەھەتتىن پۈتۈنلەي بىر پاجىئە دەپ كۆرسەتتى.