ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-09-24
ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايدا ياسالغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدىكى قارارىدىن كېيىنلا، گېرمانىيىدە خىتايغا ياردەم پۇلى بېرىشكە قارشى دولقۇن يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
2008-09-24
ياپونىيىدە بۈگۈن ئۇزۇندىن بۇيان ئوچۇق - يورۇق، مەردانە سۆزلەپ كېلىۋاتقان، پۈتۈن يەر شارىدا تېررورچىلىققا قارشى داۋاملىق كۆرەش قىلىدىغان كونسېرۋاتىپلاردىن تارو ئاسو دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
2008-09-24
خىتاينىڭ 'سەنلۇ' ماركىلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە زەھەرلىك مېلامىن ماددىسى بارلىقى بايقالغاندىن كېيىن، بۇنداق زەھەرلىك يېمەكلەرنى خىتايلار ئۆزلىرىمۇ سېتىۋالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە.
2008-09-24
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرىنىڭ 'غەرب ئەللىرى شىنجاڭدا تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى قۇتراتتى'، 'ئولىمپىكتىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق ھۇجۇملارغا رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ' دېگىنىگە رەددىيە بەرگەن ئىدى.
2008-09-24
روېيتېرس ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىن يوللىغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ھاراق زاۋۇتلىرى، بولۇپمۇ گۇيجۇ ماۋتەي ھارىقى، چىڭداۋ پىۋىسى، يەنتەي چاڭيۈ ۋىنوسى دېگەندەك داڭلىق ئىچىملىك زاۋۇتلىرى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
2008-09-24
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇميىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنلىكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ ئەيىبلىدى.
2008-09-23
ئىلى ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى 18 - سېنتەبىر كۈنى ئوچۇق سوت ئېچىپ، 24 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مەھكۇملاردىن 12 نەپىرىنىڭ ئىجتىمائىي جىنايەت بىلەن، 12 نەپىرىنىڭ سىياىسي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.
2008-09-23
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مانىلادىن بايان قىلىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ تىنچ ئوكيان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەمەلدارى ئانتونى ھاززارد بۈگۈن فىلىپىننىڭ مانىلا شەھىرىدە، خىتايدا 22 شىركەتنىڭ زەھەرلىك مېلامىن ماددىسى قوشۇپ بالىلار يېمەكلىكى ئىشلىگەنلىكى بايقالدى.
2008-09-23
23 - سېنتەبىر، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق ئومۇمى يىغىنى باشلاندى. يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دۆلەتلەردە تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇقنى سۆزلىدى.
2008-09-23
تاۋار مەھسۇلاتلار ئېكسپورتى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى، ئەمگەك تەننەرقى ، ئېنىرگىيە ۋە ترانسپورت تەننەرقىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ دېگەن مەسىلە كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان بىر تېما بولۇپ قالغان.
2008-09-23
9 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، ئېستونىيە پايتەختى تاللىن شەھىرىدە ئۈچ كۈن داۋام قىلغان "بالتىق دۆلەتلىرى ۋە تىبەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن كۆچمەن كۆچۈرۈش مەسىلىسى" تېمىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەمدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى" قاتارلىق ئىككى يىغىن بولۇپ ئۆتكەن.
2008-09-23
پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار مۇبارەك رامازان ئېيىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنىمىزدە ، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ تۈرك مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا شات-خوراملىق ئىچىدە روزى تۇتۇپ ئىپتار زىياپەتلىرىگە قاتناشماقتا.
2008-09-23
ئۇيغۇرلاردا بايلارنىڭ ھەر يىلى جەمئىيەتتىكى كەمبەغەللەرنى يۆلەش مەقسىتى بىلەن ئۇلارغا زاكات بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنە بار بولۇپ، بۇ مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
2008-09-23
خىتايدا سەنلۇ زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسى پاش بولۇپ ھازىرغا قەدەر بولغان 12 كۈن ئىچىدە، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا كېسەل بولغان بالىلارنىڭ 53 مىڭدىن ئاشقانلىقى 4 بالىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم. بۇ بالىلارنىڭ %82 ى ئىككى ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار.
2008-09-23
ئىلى ئوبلاستى تىنچلىق تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك، سوت تارماقلىرى بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن 8 - ئايغىچە قەدەر ئىلىدا يۈرگۈزگەن ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتا مەركەزلىك تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا 6 تېررورلۇق تەشكىلاتىنى پاش قىلىپ، نەچچە يۈزلىگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.