ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-24
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 2002 - يىلى ئۈزۈلۈپ قالغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى كېلەر ھەپتە بېيجىڭدا قايتىدىن باشلىماقچى.
2008-05-24
رۇسىيە پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىنى خىتايغا قاراتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمىترى مېدۋېدىف، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتلەرگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ دۇنيا نىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى، بىلدۈردى.
2008-05-23
بىز سۆھبەت ئېلىپ بارغان كەنت كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە دېھقانلار قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى رايونلارغا ئەۋەتىشنى توغرا تاپمىغان ھالەتتىمۇ بۇ ئىشقا ئوچۇق - ئاشكارا قارشى تۇرالمايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: "دېھقان دېگەن ياۋاش نەرسە" دەپ جاۋاب بەردى.
2008-05-23
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 5 مىليون 460 مىڭ ئۆي ئۆرۈلگەن، 6 مىليون ئۆي زەخمىلەنگەن. 55 مىڭ 740 ئادەم ئۆلگەن، 292 مىڭ 481 ئادەم يارىلانغان. تېخىچە ئىز - دېرەكسىز تۇرغان ئادەم سانى 24 مىڭ 960 نەپەر.
2008-05-23
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق ھالدا يەر ئېلىشى، تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرىدى. مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە بىرقانچە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەنگەندىن باشقا، داڭلىق ژورنالىستلار پروگراممىلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ داۋاملىق ھالدا تىلغا ئېلىشقا باشلىدى.
2008-05-23
2008 - يىلى 21 - 22 - مارت كۈنلىرى تۈركىيە - ئاسىيا ئىستراتېگىيە ۋە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەلقئارالىق تۈركىيە - ئاسىيا قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇل شەھرىدىكى جاۋاھىر مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلدى. بۇ قۇرۇلتايغا ، "ئاسىيادا بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيە ھەمكارلىقى خىتاي، ھىندىستان ۋە رۇسىيە "دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
2008-05-23
كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە قۇتقۇزغۇچى قىسمىنى سىچۈەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىش تەلىپى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،سىچۈەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، كانادا دەررۇ خىتاي تەرەپكە،ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كانادانىڭ ئالاھىدە قۇتقۇزغۇچى قىسىمىنى ئەۋەتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن،ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەلەپنى رەت قىلغان.
2008-05-23
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، خىتاي سوراقچىلىرىنىڭ 2002 - يىلى گۈەنتانامو ئارىلىغا كېلىپ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تېرگاۋ قىلىش ۋەقەسىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياۋاش قىلىپ بەرگەنلىكى ياكى خىتاي سوراقچىلارنىڭ تۇتقۇنلارنى ئاچ قويۇشىغا يول قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2008-05-23
رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ، توۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر قورغانلىرىدىن تېرىخول قورغىنى دەۋرىمىزگە قەدەر ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قەدەر مۇكەممەل قەدىمى ئاسارە ئەتىقىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
2008-05-23
يېقىندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تور بەتلىرى خەلقئارادا مۇنازىرە پەيدا قىلىۋاتقان " مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى" ھەققىدىكى مۇلاھىزە ماقالىلەرنى ۋە كىتابلارنى مەقسەتلىك ھالدا ئېلان قىلىشقا باشلىغان.
2008-05-23
ئەنگلىيىدە زىيارەتتىكى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋېن ( Gordon Brown ) جۈمە كۈنى ئەنگىلىيە كانتېربارىي ( Canterbury ) ئارخىبىشوپىنىڭ رەسمى قونۇقىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى " سۆھبەتنىڭ ناھايىتى ئىللىق ۋە ئىجابىي " ئۆتكەنلىكى ۋە ئەنگىلىيىنىڭ خىتاي بىلەن تىبەتنى ياراشتۇرۇش يولىدا كۈچ چىقىرىشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-05-23
رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترى مېدۋىدېۋنىڭ ( Dmitry Medvedev ) خىتاي زىيارىتىدە، خىتاي بىلەن رۇسىيە جۈمە كۈنى بىر مىليارد دوللارلىق يادرو ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە پىلانىغا قارشى بىر مەيداندا مۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
2008-05-23
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا بۇيرۇق چۈشۈپ، خىتايچىنى ئاساس قىلىپ چىقىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە تور بېكەتلىرىدىن "ئۇيغۇر توردا" ياكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى " ئۇيغۇربىز" دېگەن نامدا چىقىدىغان تور بېكىتىنى پىچەتلىگەن.
2008-05-22
كانادا پۇقراسى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھۆسەيىن جېلىل بەزى بۆلۈملىرى، پەيشەنبە كۈنى كانادانىڭ داڭلىق گېزىتى ھېسابلانغان گلوب ئېند مېل گېزىتىدە نەشر قىلىنغان خېتىدە تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە بىر قەدەر تولۇق مەلۇمات بەرگەن ھەمدە ئەركىنلىككە چىقىش توغرىسىدىكى ئۈمىدۋارلىقىنىڭ كۈنسىرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن.