ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-04-21
خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گوۋ شىياڭ بۇ يىل 18 - ئاپرىل جۈمە كۈنى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھرىدە ئاخبارات يىغىنى ئاچقان، ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا تىبەت مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەرگەن.
2008-04-21
دۇبەينىڭ " ئەل جەزىرە" تېلېۋىزىيە قانىلى 2008 - يىلى 21 - ئاپرىل كۈنى "خىتاي دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ھىجرەتلىرىدىن راھەتسىزلەنمەكتە " دېگەن تېمىدا خىتايلار توغرۇلۇق مەخسۇس پروگرامما سۇنغان.
2008-04-21
ھازىر گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىكىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى تەھدىتى شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بەردى.
2008-04-21
ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يېزىلاردىن ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشلىتىش خىزمىتى يەنە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل خىزمەت جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىككى ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتا كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان.
2008-04-21
21 - ئاپرېل بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. قارشىلىق نامايىشلىرى ۋە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مالايشىيا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار 1000 نەپەر ساقچى ئوفىتسېرلىرىنى پائالىيەت مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرغان.
2008-04-21
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە، قانۇن - تۈزۈم ۋە قارار ماقۇللاش ئورگىنى: ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى بۇ ھەپتە بېيجىڭدا ئېلىپ بارىدىغان خىزمەت زىيارىتى جەريانىدا، يېقىندا تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىش ئۈستىدە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-04-21
ھازىر ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما، تىبەتتە يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلار ۋە تىبەتلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئىشلىرىدا تىبەت خەلقىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2008-04-20
ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدە يەكشەنبە كۈنى نارازىلىق نامايىشلىرى كۆتۈرۈلدى. ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلمىغان، "ۋەتەنپەرۋەرلىك" مەزمۇن قىلىنغان مەزكۇر نامايىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان ۋە ياكى نامايىشچىلار قولغا ئېلىنمىغان.
2008-04-20
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ھاكىمىيەتتىكى "رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى"نىڭ رەئىسى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ 19 - ئاپرىل كۈنى مەخسۇس تەبرىكنامە ئەۋەتىپ ئۇنى تەبرىكلىدى.
2008-04-20
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىر كوندالىزا رايىس يەكشەنبە كۈنى ئىراق پايتەختى باغداد زىيارىتىنى باشلىدى. ئالدىن ئالا ئېلان قىلىنمىغان مەزكۇر زىيارەت جەريانىدا رايىس خانىم باغداد رەھبەرلىرى بىلەن نۆۋەتتىكى ئىراق ۋەزىيىتى جۈملىدىن سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەتلىرى ئېلىپ بېرىلىش مەقسەت قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
2008-04-20
يېقىندا رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدە چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ بىرى" موسكۋا مۇخبىرلىرى" رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئايالى لۇدمىلا بىلەن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە پۇتىننىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدە ئاتاقلىق مۇز تېيىلىش گىمناستىكا ماھىرى، ئولىمپىك چېمپىيونى، رۇسىيە دۇماسىنىڭ ئەزاسى ئالىنا كابايېۋا بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان ئىدى.
2008-04-20
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسىنىڭ 20 مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسا، يېقىندا مەزكۇر نوپۇسنىڭ ئىچىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
2008-04-19
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىنغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي، تىبەتلەرنىڭ، تىبەتتە ۋە خىتاينىڭ تىبەتلەر بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكىلىرىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، داۋاملىشىۋاتىدۇ.
2008-04-19
شەنبە كۈنى، خىتاينىڭ ۋۇخەن، خېبى، بېيجىڭ ۋە كۇنمىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە، تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە فرانسىيىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە شۇنىڭدەك ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ پارىژ دىن ئۆتۈشى جەريانىدا، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
2008-04-19
ياپونىيە باش مىنىستىرى ياسو فۇكودا، جۈمە كۈنى، ياپونىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچىگە، تىبەت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى، بىلدۈرگەن.