ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-29
ھىجرىيە يىلنامىسى ئىسلام يىلنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئەسلىدە ئەرەبلەرنىڭ يىل، ئاي ۋە كۈنلەرنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە يىلنامىسى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، ھىجرەت ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە كۆچكەن) يىلىنى باش يىل قىلغان بىر خىل يىلنامە بولۇپ، ئىسلام دىنى ئارقىلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان بىر خىل يىلنامىدۇر.
2008-12-29
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە "بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار قايتا تەربىيىلەش پائالىيىتى" نى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، شىنجاڭ ئامانلىق تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە بۇ خىل پائالىيەت "رەتلەش، ئاڭلاش، قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش" قاتارلىق تۆت تۈر بويىچە قانات يايدۇرۇلغان.
2008-12-29
نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمىتى، ئۆز رايونى تەۋەسىدە نەشر بۇيۇملىرىغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھېيت - بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تازىلاشتا يىغىۋېلىنغان نەشر بۇيۇملىرى 8 مىڭ پارچىغا يېتىدىكەن.
2008-12-29
2008 - يىلى بىر يىل جەريانىدا، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاي شەھەرلىرىگە يۆتكەلگەن تەبىئىي گاز 15 مىليارد كۇبمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 23 - دېكابىر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى 4 يىللىق توشۇش تارىخىدا تۇنجى قېتىم يۇقىرى سەۋىيە ۋە رېكورت ياراتقان.
2008-12-29
خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى بۇ يىل 21 - ئىيۇل كۈنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنى 24 - دېكابىر مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگۈچى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-12-29
ئىسرائىلىيىنىڭ گازا شەھىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى 3 كۈندىن بېرى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا مەزكۇر ھۇجۇملاردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئېشىپ كەتكەن.
2008-12-29
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئېلان قىلىنغان ۋە 2020 - يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىغا قارىتا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.
2008-12-26
ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈركۈم ياشلار ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نامايىشقا تەشكىللەش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.
2008-12-26
ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نامايىشقا چاقىرغان 4 نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن ئاز دېگەندە 2 كىشى قولغا ئېلىنغان. قالغان 2 ياشنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس.
2008-12-26
خىتاينىڭ جۇڭگو بانكىسى كەلگۈسى 3 يىلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېرىم قوراللىق يېرىم ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان " شىنجاڭ بىڭتۈەنى" گە 30 مىليارد سوم قەرز پۇل بېرىپ، بىڭتۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ۋە بىڭتۈەن دېھقانلىرىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
2008-12-26
خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدىكى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قەدىمقى كروران مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان لوپنۇر كۆلىنىڭ 1962 - يىلى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2008-12-26
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردا خرىستىئانلارنىڭ روژجىستىۋا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئائىلە چېركاۋلىرىغا يىغىلىپ، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەن.
2008-12-26
ب ب س 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك ئېقىم مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ ئىجتىمائىي كرىزىسقا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا توختالغاندا خىي زىمىڭنىڭ كىنو فىلىمى "قالايمىقانچىلىق" نىڭ ئىسمىنى ئارىيەت ئېلىپ 2009 - يىلى جۇڭگودا "قالايمىقانچىلىق ياكى پاراكەندىچىلىك" يۈز بېرىدىغان بىر يىل بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
2008-12-26
د ئۇ ق مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ ۋە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىپ، 2009 - 2010 - يىللىق كالېندارىنى نەشىر قىلدۇردى. كالېندار ئىنگلىز ۋە ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، تاش ۋارىقىغا ئىككى تىلدا "مەخمۇت قەشقىرىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز"، دەپ يېزىلغان.
2008-12-25
سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈچۈن دەرھال تەدبىر ئېلىش، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق خەلق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنت قۇرۇپ چىقىش، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنى مۇستەقىل قىلىش ۋە فېدېرال جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئارقىلىق مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە 300 دىن ئارتۇق خىتاي زىيالىيسى تەرىپىدىن ئىمزالانغان 2008 خارتىيىسى خىتايدىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر چاقىرىققا قول قويغان خىتاي زىيالىيلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بەزىلىرى سوراق قىلىنغان ، بەزىلىرى بولسا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئىدى.