ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-25
خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خام نېفىت ئامبىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىچان ناھىيىسىدە قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر نېفىت ئامبىرىنىڭ ئالدىن پۈتكەن چوڭ باكلىرىغا خام نېفىت تولدۇرۇلۇشقا باشلىغان.
2008-12-25
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2008 - يىلى 28 - نويابىر كۈنى بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشىپ قانۇنىي تەشكىلاتقا ئايلانغاندىن كېيىن، تۇنجى پائالىيىتىنى " مەھمۇد قەشقىرى يىلى "نى خاتىرىلەشكە بېغىشلىغان.
2008-12-25
قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسام ھاشىمجان قۇربانۇف يېقىندا، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىفنىڭ پەرمانى بىلەن دۆلەتلىك مۇكاپات ھېسابلىنىدىغان " قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى" مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2008-12-25
23 - دېكابىر كۈنى بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى يىغىن ئېچىپ، مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
2008-12-25
يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەت' ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نەشرىياتچىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئىمكانلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نەشرىياتلار قۇرۇپ ھەر خىل كىتابلارنى نەشىر قىلماقتا.
2008-12-25
يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەت' ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نەشرىياتچىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئىمكانلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نەشرىياتلار قۇرۇپ ھەر خىل كىتابلارنى نەشىر قىلماقتا.
2008-12-25
كانادا دائىرلىرى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ نازۇك ئورگىنىغا ئورۇنلاشقان بىر نەپەر خىتاي ئايالنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلىش قىلمىشلىرى بىلەن جىددىي تەكشۈرمەكتە.
2008-12-25
يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان يېڭى ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىر قاتارلىق ئىسلام مەملىكەتلىرىدىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىنى ئاچقان، ئاتاقلىق دىنىي ئالىم، مەشھۇر جامائەت ئەربابى مەرھۇم مۇھەممەد ئابدۇللا مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئوغلى ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن "ئىسلام دىنىدىكى ھالال - ھارام، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلار " ناملىق ئەسەر نەشىردىن چىقتى.
2008-12-25
خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىغا قارىتا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ پىلانىغا، " ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكرى " دەپ چىرايلىق نام قويۇلغان.
2008-12-25
خىتاي دائىرىلىرى 59 تىبەتلىكنى ئۆسەك سۆز تارقاتتى دېگەن جىنايەت بىلە قولغا ئالغان بولۇپ، رويتېرستا خىتاي ئاخباراتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ تىبەتلەرگە جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدىغان ناخشىلارنى تارقاتقان دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان.
2008-12-25
24 - دېكابىر يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرىدىكى بىر قاۋاقخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگۈچى ئۆزىنى بۇ يىل ئىيۇلدا كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئىجراچىسى دەپ جاكارلىغان.
2008-12-25
روجىستىۋا بايرىمى ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ يىغىلىشى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي مەنىي قىلىنغان بولۇپ، بوشۈن تورىدا خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر يىغىلىشنىڭ يېتەكچىسى ساقچىلارنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان.
2008-12-24
پەيزىۋاتنىڭ قوشئاۋات يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى لى ھەققىدىكى خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
2008-12-24
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدىكى يەنى" بالىلارغا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلۈكىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى" دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى " مەرىپەت" تور مەيدانى شۇنىڭدەك ۋەتەن ئىچىدىكى بىر قىسىم تور مەيدانلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، زىيالىيلارنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
2008-12-24
بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭ بىڭلىنىڭ يېقىندا بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر تور بەتتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە تەكىتلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي زىددىيەتكە سەۋەب بولغان ئامىللار كۆپ خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ئىقتىسادىي ئامىلدۇر.