ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-08-31
ماۋزېدوڭدىن كېيىن خىتاينى قىسقا مۇددەت ئىدارە قىلىپ، سىياسىي سەھنىدىن غايىپ بولغان سابىق خىتاي رەھبىرى خۇئا گوفېڭ ئۈچۈن 31 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدىكى مەخسۇس خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى دەپنە قىلىنىدىغان باباۋشەن قەبرىستانلىقىدا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2008-08-31
خىتاينىڭ سىچۇەن ۋە يۈننەن ئۆلكىلىرىدە شەنبە كۈنى 6.1 بال يەر تەۋرەپ، يەنە كۆپلىگەن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، 32 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىقتى.
2008-08-31
ياۋروپا ئىتتىپاقى دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە - گرۇزىيە مەسىلىسى جۈملىدىن رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئاسسېتىيە، ئابخازىيىدىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، رۇسىيىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەمدە رۇسىيە بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ.
2008-08-30
30 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە قاراتقان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.
2008-08-30
تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسى داھىسى دالاي لاما نىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە يەكشەنبە كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2008-08-30
تۈركىيە مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۇرشات تۈزمەن يېتەكچىلىكىدىكى تۈركىيە تىجارەت مىنستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى، تۈرك تىجارەتچى ۋە سودىگەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى شەنبە كۈنى بەش كۈنلۈك بىر زىيارەت ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ يولغا چىققان.
2008-08-30
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاينىڭ رەسمى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاساسلىنىپ 30 - ئاۋغۇست كۇنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي ساقچىلىرى ئۆزلىرى بىلەن توقۇنۇشقان6 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
2008-08-30
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاينىڭ رەسمى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاساسلىنىپ 30 - ئاۋغۇست كۇنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي ساقچىلىرى ئۆزلىرى بىلەن توقۇنۇشقان6 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
2008-08-30
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ نىڭ تۈركمەنىستان زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر تەبىئي گاز كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىم، تۈركمەنىستاننىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىشىنى پىلانلىغان يىللىق تەبئىي گاز مىقدارىنى 40 مىليارد مېتىر كۆپكە چىقىرىدىكەن.
2008-08-29
خىتاي ساقچىلىرى قەشقەردە يۈز بەرگەن يامان يار ۋەقەسىنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا، قىزىل بويى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يامان يار ۋەقەسىدە 3 ئامانلىق خادىمى ئۆلگەن بولسا، قىزىل بويى ۋەقەسىدە 2 نەپەر ساقچى ئۆلدى. خىتاي تەرەپ ئىككى ۋەقەنىڭ گۇماندارلىرىنى ئوخشاش بىر گۇرۇھ كىشىلەر دەپ قارىماقتا. ئەمما بۇ پەقەت بىر پەرەز.
2008-08-29
مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئولىمپىك بىخەتەرلىكى نامىدا كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ئۇلىنىپ مەخسۇس رامىزان ئېيى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنماقتا.
2008-08-29
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'دۆلەت بايرىمىنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن 200 مىڭ ساقچى سەپەرۋەر قىلغان. خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا تايىنىپ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان.
2008-08-29
ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇپمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر دۇنيادا شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىسى بولۇشقا داۋام قىلماقتا.
2008-08-29
ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى كەچ يەنى ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ دۆلەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى دەنۋېر شەھىرىدىكى بىر تەنتەربىيە مەيدانىدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ 75 مىڭ كىشىلىك قۇرۇلتاي ۋەكىلى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، دېموكراتلارنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-08-29
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جون مىكېين، جۈمە كۈنى ئالياسكا شتاتىنىڭ ۋالىسى سارا پېيلىن خانىمنى ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى قىلىپ تاللىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-08-29
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى جۈمە كۈنى بېلەت تاشلاپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى سوڭ دېشىنى " ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك" گۇمانى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىقىدىن ئېلىپ تاشلىدى.
2008-08-29
خىتاي دائىرىلەر پەيزىۋات ناھىيىسى قىزىل بويى يېزىسىدا چارشەنبە كۈنى يەرلىك ئۇيغۇر ياشلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا قاتناشقان ئاز دېگەندە 7 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىكى مەكتەپ يېشىدا بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلغان.
2008-08-29
ئەنگىلىيە "پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جۈمە كۈنى كورلىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەي، ئۇلارنىڭ غەزەپ نەپرىتىگە پىلتە ياققانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-08-28
ۋەقە تۈنۈگۈن يەنى 27 - ئاۋغۇست كۈنى كەچ سائەت 5 تە پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ قىزىل بۇيا يېزىسىدىكى بىر قوناقلىقتا يۈز بەرگەن. ساقچىلار ئانارگۈل مۇتەللىپ ئىسىملىك بىر گۇماندارنى ئىزدەپ قوناقلىقنى قورشاۋغا ئالغان ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تەكشۈرۈش جەريانىدا ساقچىلار بىر گۇرۇپ كىشىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
2008-08-28
ۋەقە تۈنۈگۈن يەنى 27 - ئاۋغۇست كۈنى كەچ سائەت 5 تە پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ قىزىل بۇيا يېزىسىدىكى بىر قوناقلىقتا يۈز بەرگەن. ساقچىلار ئانارگۈل مۇتەللىپ ئىسىملىك بىر گۇماندارنى ئىزدەپ قوناقلىقنى قورشاۋغا ئالغان ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تەكشۈرۈش جەريانىدا ساقچىلار بىر گۇرۇپ كىشىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
2008-08-28
رۇسىيە دائىرىلىرى گرۇزىيىنىڭ ئىككى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، قارا دېڭىز رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز جىددىيلەشمەكتە. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ جىددى ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
2008-08-28
دېنۋېر شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان ئامېرىكا دېموكراتلىرى چوڭ قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - كۈنى يەنە 27 ئاۋغۇست، مەزكۇر قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئۆز پارتىيىسىدىن پرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتىنى بېكىتىپ چىقتى.
2008-08-28
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، بېيجىڭ ئولىمپىكى باشلانغان كۈنلەردە، گرۇزىيە قىسىملىرىنىڭ موسكۋانىڭ گرۇزىيە تېررىتورىيىسىدىكى جەنۇبىي ئوسسېتىيە قاتارلىق جايلارغا بولغان كونتروللۇق ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقى، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
2008-08-28
قەشقەر دىيارىدىن ئالمۇتۇغا زىيارەتكە كەلگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىزغا ئۆزىنىڭ قەشقەردىن چىقىپ قازاقىستان سەپىرىگە يول ئېلىش جەريانىدا ئۈرۈمچى ھەم غۇلجا شەھەرلىرىدە يولۇققان ئىشلىرى ۋە ئۇ جايلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
2008-08-28
يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق تونۇلغان ئالىم ۋە يازغۇچى مۇھەممەد قاسىم ھاجىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، نەشىرگە تەييارلانغان " قۇتادغۇ بىلىك" نىڭ ئەرەبچە تەرجىمىسى نەشىردىن چىقتى.
2008-08-28
قىرغىزىستاندا نۆۋەتتە، قىرغىزىستيان مۇستەقىللىقىنىڭ 17 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، دۆلەت بايرىمى مۇراسىمىگە جىددى تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بولۇپ، قىرغىزىستان دۆلىتىنىڭ مەزكۈر بايرامنى قانداق تۈستە تەبرىكلەشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدە قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام مەلۇمات بېرىدۇ.
2008-08-28
تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما، سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلى پىلان قىلىنغان زىيارەت سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى.
2008-08-28
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى جەمئىيەت باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۆلەتلەر ئارا ھەمدە دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئاھالىلارنىڭ تەن - ساغلاملىقىنىڭ بىردەك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2008-08-28
خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدا 200 مىڭ نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچى ۋە ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سالىدىكەن.
2008-08-28
تۈنۈگۈن پەيزىۋات ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن قىزىل بۇيا ۋەقەسى ھەققىدە بۈگۈن تولۇق مەلۇمات ئىگىلەندى. مەلۇم بولۇشىچە ۋەقە 12 - ئاۋغۇست يامان يار ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىنى تۇتۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن.