ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-09-01
ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە داۋالىنىۋاتقان تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن دوختۇرخانىدىن چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، دالاي لاما قورساق ئاغرىقى ۋە روھسىزلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھەرلىك دوختۇرخانىسىدا ياتاققا ئېلىنغان ئىدى.
2008-09-01
بېيجىڭ ئولىمپىكى ئېچىلىش ھارپىسىدا شاڭخەي شەھىرىدىكى مەلۇم ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ 6 نەپەر خىتاي ساقچىسىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن ۋە بىر نەچچىسىنى يارىلاندۇرغان ياڭ جياغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، ياڭ جيا ئۈستىدە ئېچىلغان سوت 26 - ئاۋغۇست يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان.
2008-09-01
رۇسىيە دائىرىلىرى تۈركىيە ماللىرىنىڭ رۇسىيىگە كىرىشىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇشقا باشلىغاندىن كىيىن، تۈركىيە سودا تارماقلىرىمۇ رۇسىيىدىن تۈركىيىگە ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن.
2008-09-01
ئۆتكەن ھەپتە جۈمە كۈنى پاكىستاندا ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېرى ۋە ئىككى نەپەر پاكىستانلىق يوقاپ كەتكەن بولۇپ، روېيتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنى ئىزدەشكە باشلىغان.