ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-10-16
گېرمانىيە پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى، ئافغانىستاندىكى گېرمانىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەمدە ئافغانىستاندا مەۋجۇت گېرمان قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى 4500 گە كۆپەيتىش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى.
2008-10-16
تىبەتنىڭ روھانى داھىسى دالاي لاما، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا، بىر ھەپتىگە يېقىن داۋالانغان. دالاي لامانىڭ باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرغا، بۇ يىل 73 ياشقا كىرگەن دالاينىڭ تەلتۆكۈس ساقايغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئەسلىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئېلىپ بارىدىغان زىيارەتلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-10-16
خىتاينىڭ زەھەرلىك " سۈت پاراشوكى" ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۈگۈن ياپونىيىدىكى بىر ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتىدا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان كۆك پۇرچاق تەركىۋىدىن، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورا DDV بايقالغان.
2008-10-16
بېيجىڭنىڭ چاڭپىڭ ناھىيىسىدىكى 200 دىن ئارتۇق دېھقان، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىش ھەقسىزلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم بېيجىڭنىڭ چىڭباۋ تېز سۈرئەتلىك تاش يولىنى توساپ قاتناشقا تەسىر يەتكۈزگەن.
2008-10-15
كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى 2006 - يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادادىن ئۆزبېكىستانغا بارغاندا قولغا ئېلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، شۇنداقلا خىتاي تەرىپىدىن " تېررورچى" دەپ ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا تارتىلغان ئىدى.
2008-10-15
قىزىلسۇ ئۇلۇغچات يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئىككى كۈندىن بۇيان بۇ ئاپەت رايونلىرىدا قار يېغىپ، ھاۋا كېلىماتى تۇيۇقسىز تۆۋەنلىگەن.
2008-10-15
خىتاينى زىيارەت قىلىش سەپىرىدىكى پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي - پاكىستان ئارىسىدىكى ئىقتىساد، سودا، سەرمايە، يادرو ئېنېرگىيىسى، تېخنىكا ۋە "تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش " قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
2008-10-15
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ بۈگۈن شاڭخەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بۈگۈن، خىتاينىڭ 2020 - يىلى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ دېموكراتىيىگە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-10-15
بىر مەھەل خەلقئارا جەمئىيەتنى زىل - زىلىگە سالغان گرۇزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە جەنۇبىي ئاسسېتىيە ھەم ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشىدىن كېيىن، مەزكۇر توقۇنۇشنى قانداق ھەل قىلىش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى، بۈگۈن رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە جەنۋەدە تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان بولسىمۇ، بىراق سۆھبەت بۇزۇلۇپ كەتكەن.
2008-10-15
يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئارقا ئارقىدىن كىتابلار نەشىر قىلىنماقتا. ياپونىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مىزۇتانى نائوكو خانىم يازغان "خىتايدىن سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتاب 2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھرىدە نەشىر قىلىنغان ئىدى.
2008-10-15
يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئارقا ئارقىدىن كىتابلار نەشىر قىلىنماقتا. ياپونىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مىزۇتانى نائوكو خانىم يازغان "خىتايدىن سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتاب 2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھرىدە نەشىر قىلىنغان ئىدى.
2008-10-15
14 - ئۆكتەبىر كۈنى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمى سايلامدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى پارلامېنتتىكى 308 ئورۇننىڭ 143 نى قولغا كەلتۈرۈپ، ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى ۋە كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ستېپھېن ھارپېر كانادا فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا قايتىدىن سايلاندى.
2008-10-14
ئەنگلىيىلىك تارىخچى ۋە ژۇرنالىست ئەندي ۋورتىڭتون 2006 - يىلدىن باشلاپ ئۆز دىققەت نەزىرىنى ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي بازىسىغا قامالغان مەھبۇسلارغا ئاغدۇرغان ھەمدە 2007 - يىلى " گۇەنتانامو ھۆججەتلىرى: ئامېرىكىنىڭ قانۇنسىز تۈرمىسىدىكى 774 مەھبۇسنىڭ ھېكايىسى" ناملىق بىر كىتاب نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ كىتابتا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدىمۇ خېلى كۆپ توختالغان.
2008-10-14
10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېيجىڭدا 17 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىن چاقىرىلدى. 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خۇ جىنتاۋ ئەپەندى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شاۋ گاڭسۈن كەنتىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە، يۇقىرى مۇقامدا ۋەدە بېرىپ: 'يۇرتداشلارغا ئېنىق ئېيتىپ قويۇشۇم كېرەك ... نۆۋەتتىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئائىلىلەرگە كۆتۈرە بېرىش ئۇزۇنغىچە ئۆزگەرمەيدىغان ئەھۋالدا، بۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېلىپ سېتىشىغا، ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ سېتىشىغا، كۆپ شەكىللىك باشقۇرۇشقا مۇۋاپىق،كۆلەملىك ئىگىدارچىلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويىمىز،' دېدى.
2008-10-14
كانادادا چىقىدىغان يەر شارى پوچتىسى گېزىتى، خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى 75 ياشلىق ئانىسى سالىخان ۋە ئاچىسى خەيرىگۈل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.