ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-10-14
مەركىزى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، تۇتقۇن مەھبۇبە ئابلەش ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا دوكلات يوللىدى.
2008-10-14
ئامېرىكىدا خىتايچە چىقىدىغان 'دۇنيا ھەپتىلىك گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان خىتاي يېمەكلىرى ھازىر دۇنيادا مىسلىسىز كرىزىس ئىچىدە' ماۋزۇلۇق بىر يىرىك ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 'خىتايلار ھەر قانچە چىداملىق بولسىمۇ، ئەۋلادلىرىنىڭ سۈت ئىچىپ ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىۋاتقانلىقىغا چىداشلىق بېرەلمىدى.
2008-10-14
ب د ت ئورگانلىرى 2008 - يىلىنى مەخمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلغاندىن بېرى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ زىيارەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەن.
2008-10-14
خەلق تەرىپىدىن 'تۆمۈر ئانا' دەپ ئاتالغان ھۆرنىساخان 8 بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، بۇ ئاددىي، ئەمما ئۇلۇغۋار ئائىلە ئايالىنىڭ ئالتە ئوغلى خىتايغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. ھۆرنىساخاننىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەر، بىر تەرەپتىن غۇلجا خەلقىنى قايغۇغا چۆمدۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىپتىخارلاندۇرغان.
2008-10-14
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاي دائىرىلىرى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ 75 ياشقا كىرگەن ئانىسى سالىخان بىلەن ئاچىسى خەيرىگۈلگە ھۆسەيىن جېلىلنى يوقلاش پۇرسىتى بەرگەن.
2008-10-14
دۇنيا مىقياسىدا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ھەزەر ئەيلەش داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ،دۇنيا جامائىتىنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ب ب س نىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 13 - ئۆكتەبىر خىتاي دائىرىلىرى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە بۇ يىل 14 - سىنتەبىردىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىنى بازاردىن تازىلاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
2008-10-14
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ 14 - ئۆكتەبىر ئۇچۇر بېرىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس ئۇختۇرۇش چۈشۈرگەن.
2008-10-14
ئۇيغۇر ئېلى تىنچلىق تورىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈرلۈك يەرلىك سىياسەت ھەم تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بەزى يېزا، كەنتلەردە ھەر ئون ئائىلىگە بىر باشلىق يەنى ئون بېشىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان.
2008-10-14
خىتاي - رۇسىيە ئىككى دۆلەت دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى سەيشەنبە كۈنى چېگرا كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە بولشوي ئوسسۇرىسكى يەنى خېيشازى ئارىلىنىڭ يېرىمى ھەمدە يەنە تاراباروۋ ئارىلىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
2008-10-13
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى مۇزاكىرە قىلغان 3 - ئومۇميىغىنى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىپ 12 - كۈنى ئاياقلاشتى. 4 كۈنلۈك يىغىننىڭ مۇھىم نوقتىسى بولغان 'دېھقانلارنىڭ يەرنى سېتىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى' مەسىلىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق قارار چىقىرىلمىغان.
2008-10-13
كېلەر يىلى، 1989 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتى باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىدۇر. چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرى مەزكۇر ۋەقەنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك زور كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاش، ۋەقەگە قاتناشقانلارغا كەچۈرۈم ئېلان قىلىش توغرىسىدا خىتاي دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا.
2008-10-13
خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەڭ دەسلەپ، خىتاينىڭ يۈننەن رايونىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر شۇنىڭدەك خېنەننىڭ يېزىلىرىدىكى قان ساتقۇچىلار ئارىسىدىلا بولۇپ، " تەبىئەت دۇنياسى " ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئەيدىز خىتاينىڭ ھەممە يېرىگە دېگىدەك كەڭ تارقالغان.
2008-10-13
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە قاتارلىق بىر قىسىم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.
2008-10-13
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەخلاقىدا، ئانىنىڭ ھۆرمىتىدىن زىيادە ھۆرمەتنىڭ بولمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. لېكىن ئانىلارنىڭ قىممىتى پەرزەنت ئۈچۈن سەرىپ قىلغان مېھنەتلىرىگە بېقىپ ئەمەس، بەلكى پەرزەنتىنىڭ بۇ ئانا مېھنىتىگە قايتۇرغان جاۋاپلىرىغا بېقىپ پەرقلىق بولىدۇ.
2008-10-13
10 - ئۆكتەبىر كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودا 2008 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى ئىلان قىلدى. گەرچە ئۇيغۇرلار بۇ يىلمۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئىلان قىلىنىشنى ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن كۈتكەن بولسىمۇ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا مەنسۇپ ئېتىلمىدى.