ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-10-13
ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا داۋاملىق ھالدا تىلغا ئېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى نەشىرىيات ئىشلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدىكى بايراق نەشىرىياتى تەرىپىدىن "دوغۇ تۈركىستان چىن مۇستەملىكىسى" يەنى "شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى.
2008-10-13
يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن پاكىستان پرېزىدېنتى ئەسىف ئەلى زەردارى سەيشەنبە كۈنى، ئۆزىنىڭ تۇنجى خىتاي زىيارىتىنى باشلىماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى پاكىستان - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيچىلىك يۈز بېرىۋاتقان پەيتلەردە توغرا كەلدى.
2008-10-13
ساقچىخانىغا بېسىپ كىرىپ 6 نەپەر خىتاي ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ياڭ جيانىڭ ئۈستىدىن 13 - ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى، شاڭخەي شەھىرىدە قايتىدىن سوت ئېچىلغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم نامايىشچىلار سوتخانا ئالدىدا ياڭ جيانى قوللاپ نامايىش قىلغان.
2008-10-13
رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىدىكى بىر قىسىم جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى بىر ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، ساقچىلارنىڭ بۇ زوراۋان قىلمىشى خەلق ئاممىسىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ھەمدە نارازىلىق نامايىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.
2008-10-13
بۇش ھۆكۈمىتى كرىزىس ئىچىدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن،700 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانىنى دەرھال ئىجرا قىلىشقا تۇتۇنغانلىقىنى ھەمدە شۇنىڭغا ئالاقىدار قانۇنىي مەسلىھەت شىركەتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2008-10-12
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە قارا قاراقالپاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىن كېلىپ چىققان سالىجان ئابدۇراخمانوف ئىسىملىك بىر جۇرنالىست ئۆزبېكىستان سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
2008-10-12
خىتايدىمۇ ھەر يىلى ئەڭ چوڭ باي ئادەملەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان خىتاي بويىچە ئەڭ باي ئادەملەر ئىچىگە ئۇيغۇر دىيارىدىن بىر قانچە نەپەر ئادەم كىرگۈزۈلگەن بولسا، يېقىندا ئېلان قىلىنغان خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ تىزىملىكىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن يەنە ئالتە ئادەم ئورۇن ئالغان.
2008-10-12
خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى سەپىرىگە بولغان قىزىقىشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بايلارنىڭمۇ ئالەم كېمىلىرىگە ئولتۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقىنى زىيارەت قىلىش ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشماقتا.
2008-10-12
شەنبە كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەلموند ئۆلكىسى تەۋەسىدە ئافغانىستان ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوشۇنلىرى تالىبان قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن بىر مەيدان كەسكىن جەڭ ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە بىرلەشمە ئارمىيە تالىبانلاردىن 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.
2008-10-11
شەنبە كۈنى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونىدا بۇلغانغان سۇ ئىچكەنلىكى سەۋەبىدىن كېسەل بولغانلار سانىنىڭ 450 كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-10-11
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ھېسابلانغان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا بانكا ۋە ئىقتسادىي تەشكىلاتلار دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-10-11
ئامېرىكا ۋە ھىندىستان جۈمە كۈنى بىر يادرو كېلىشىمىگە قول قويغان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستانغا ھەر تۈرلۈك يادرو تېخنىكى سېتىشىغا رۇخسەت بېرىدىكەن.
2008-10-11
ھىندىستاننىڭ پايتەختى يىڭى دېھلى شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا غەلبىلىك بىر ئۆت تېشى ئوپېراتسىيىسى قىلىنغان تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لامانىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
2008-10-10
ھازىر بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۈچىنچى ئومۇميىغىندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللانغان ئاتالغۇسى بۇيىچە ئېيتقاندا، 'يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى' مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ.
2008-10-10
كانادادىكى بروكك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چارلېز بۇرتوننىڭ "كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى خىتاي مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەمدۇ؟ " ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.