ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-10-10
يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق تونۇلغان ئالىم ۋە يازغۇچى مۇھەممەد قاسىم ھاجىم تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان " ئىسلام ئىبادەتلىرى"ناملىق تارىخىي ئەسەر نەشىردىن چىقتى. مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ ھەقتە سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
2008-10-10
بوشۈن تور بېتىدە 2008 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئېلان قىلىنغان شۇ ناملىق ماقالىدە ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن دۆلەتلەردە مۇراسىمدىن كېيىن ئاساسەن دېگىدەك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاپ كەتكەن ياكى تۆۋەنلەپ كەتكەن.
2008-10-10
قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنت ئائىلىسىنىڭ ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا. ئۇلار پرېزىدېنتنىڭ ئوغلى ماكسىم باقىيېف ئۈستىدىن نارازىلىق ئەيىبلەشلىرىنى تارقاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە قىرغىزىستاننىڭ " دېلو نۇمېر" گېزىتى ماقالە ئېلان قىلغان.
2008-10-10
نوبىل تېنچلىق كومىتېتى بۈگۈن 2008 - يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ سابىق فىنلاندىيە پرېزىدېنتى مارتى ئاختىسارىغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2008-10-10
ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى پەيشەنبە كۈنى، بۇ يىل 2 - ئايدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان كوسوۋانى مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2008-10-10
گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى ھۆكۈم، ئامېرىكا ئەدلىيە مىىستىرلىقىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇنىڭغا قارشى ئاممىۋىي ھەرىكەت باشلىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنى ئەيىبلىدى.
2008-10-10
بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى خۇ جىيانىڭ رەپىقىسى زېڭ جىنيەن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا تەنقىدلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا تۈرمىدىكى ئېرى ۋە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-10-10
ھازىر خىتاينىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا دورا ئاسان تەسىر قىلمايدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، رويتېرستا خىتاي ئەيدىز تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ۋىرۇس يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغان.
2008-10-10
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇلغانغان سۈت شەرمەندىچىلىكىگە ئالاقىدار بىر گۇماندارنى قولغا ئالغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر گۇماندار خىتايدا نۇرغۇن بالىنىڭ زەھەرلىنىشىگە سەۋەب بولغان 600 توننا مېلامىن ئارىلاشقان ئاقسىل پاراشوكى ئىشلەپچىقارغان ئىكەن.
2008-10-09
ئامېرىكا سوتىنىڭ، كۇبادىكى گۇەنتانامو تۈرمىسىدە 7 يىلدىن بۇيان، " تېررور گۇماندارى " دەپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى، " گۇناھسىز " دەپ ئېلان قىلىپ، قويۇپ بېرىش ھەققىدە قارار ئالغانلىقى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دەرىجىدىن تاشقىرى ھاياجان ۋە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.
2008-10-09
7 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوت مەھكىمىسى سودىيىسى رىچاردو ئۇربىنا ئەپەندى، گۇەنتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى دەرھال قويۇۋېتىش بۇيرۇقىنى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر بۇيرۇق تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلدى.
2008-10-09
ۋاشىنگىتون رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 7 - ئۆكتەبىر كۈنى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. 8 - ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى مەزكۇر ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ۋاقىتلىك كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.
2008-10-09
'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇميىغىنى بۈگۈن بېيجىڭدا باشلاندى. يىغىندا مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ 'يېزا ئىسلاھاتى ۋە يېزىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا دائىر چوڭ مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارارى' مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
2008-10-09
ئامېرىكا كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنىستىتۇتى تەتقىقاتچىسى در. ئەركىن سىدىق ئەپەندى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تۈركىيىنىڭ تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن ئەنقەرە بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.
2008-10-09
2008 - يىلى 27 - ئىيۇل كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھرىدە قۇرۇلغان "گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى" تەشكىلاتى، 30 - سېنتەبىر كۈنى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، رەسمىي بىر قانۇنىي تەشكىلاتقا ئايلانغان.