ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-10-09
خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىدىن گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خىتاي پۇقراسى ھېسابلانغان 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.
2008-10-09
نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خىتايدىكى ئەيدىز ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جياغا بېرىلىش ئېھتىماللىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.
2008-10-09
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى، نۆۋەتتە زەھەرلىك سۈت پاراشوكىنىڭ تەسىرى بىلەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئۆسمۈر بالىلارنىڭ 11 مىڭغا يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت 36 مىڭ كىشىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-10-09
خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمى يىغىنى 9 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. 4 كۈن ئېچىلىدىغان مەزكۈر يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپى، خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دوكلاتى شۇنىڭدەك يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت.
2008-10-09
تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى، كېسەللىك تۈپەيلى ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدىكى بىر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن.
2008-10-08
7 - ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى فېدېرال سوت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك سوتتا، ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونلۇق سوتنىڭ سودىيىسى رىچاردو ئۇربىنا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئازاد قىلىنىپ، ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بۇيرىدى.
2008-10-08
7 - ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى رىچاردو ئورىنا، گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىش كېرەكلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، 8 - ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۈر خەۋەر، ئاخىرقى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر تۇرۇۋاتقان گۇناھسىز ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا يەتكۈزۈلدى.
2008-10-08
ئۆتكەن جۈمە كۈنى رادىئومىزدا 11ياشلىق تۇراننىسا ئىسىملىق بىر بالا باققۇچى قىزنىڭ 28 - سېنتەبىر قارىمايدىكى تۇققىنىنىڭ ئۆيىدىن بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتكەنچە يوقاپ كەتكەنلىكى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بەزىبىر قاتمال بەلگىلىمىلىرى سەۋەبلىك ئۆي ئىگىسىنىڭ تۇراننىسا يوقاپ كېتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن دېلو مەلۇم قىلغانلىقى ۋە مەزكۈر ۋەقەنىڭ بەزى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە قويۇلۇپ، جامائەتنىڭ ئەندىشىسى ھەم دېققىتىنى قوزغىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.
2008-10-08
7 - ئۆكتەبىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار ئالمۇتادىكى ئىنسان كوفىيخانىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەمدە ئۇنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىل ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىردىكى پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋان سىياسەتلىرىنى تەنقىدلىدى.
2008-10-08
خىيانەتچىلىك بىر خىل رەزىل قىلمىش. ئۇنى مەنىۋىيىتى بۇلغانغان، روھى كور، نەپسانىيەتچىلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك ئادەملەر سادىر قىلىدۇ. خىيانەتچىلىك يامراپ كەتكەن ئەلدە ئادىمىيلىك ۋە ئىنسانىي مېھرى مۇھەببەت ئۆلگەن بولىدۇ.
2008-10-08
ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن ئامېرىكا فېدېرال سوتىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارارىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى مۇھىم رول ئوينىغان.
2008-10-08
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، سۈت پاراشۇكى تەركىۋىدىكى مېلامىن مىقدارىغا يېڭىدىن ئۆلچەم بەلگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2008-10-08
جەنۇبىي كورىيىدىكى yonhap خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە سەيشەنبە كۈنى قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان.
2008-10-08
تۈنۈگۈن ئامېرىكا فېدېرال سوتىنىڭ ۋاشىنگىتون رايونلۇق مەھكىمىسى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.
2008-10-08
ئالدىنقى ھەپتە ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئامېرىكىدىكى لېخمان قېرىنداشلار بانكىسىدىن زايوم سېتىۋالغان خوڭكوڭلۇقلار، بۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى خوڭكوڭ پارلامېنتى ۋە خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم بانكىلارنىڭ ئالدىدا ماجىرا پەيدا قىلغان.