ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-10-07
2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى دۇۋى تور بېتىدە "خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكىلى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.
2008-10-07
7 - ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتىدا گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا دەرھال قويۇپ بېرىلىشى قارار قىلىندى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 10 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يەتكۈزۈلۈشى بۇيرۇلدى.
2008-10-07
7 - ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت ئوندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى ئۈستىدە ئېچىلغان سوتتا ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوت مەھكىمىسى سودىيىسى رىچاردو ئۇربىنا ئەپەندى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.
2008-10-07
7 - ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت ئوندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى ئۈستىدە ئېچىلغان سوتتا ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوت مەھكىمىسى سودىيىسى رىچاردو ئۇربىنا ئەپەندى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.
2008-10-07
فرانسىيىدە چىقىدىغان 'ئازادلىق گېزىتى' دە 6 - ئۆكتەبىر كۈنى 'بېيجىڭ تاقىۋالغان يېڭى چېگرا' ماۋزۇلۇق بىر دوكلات ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان بۇ دوكلاتنى مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى ئەبرس سېلېيتىن ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن يېزىپ چىققان. بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنلىرىنى فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىمۇ ئاڭلاتتى.
2008-10-07
ئۈرۈمچى خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە،نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ھەم يېڭىدىن تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى كۆچمەن ئاققۇن خىتاي ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىگىلەيدىكەن.
2008-10-07
5 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىرغىزىستانغا چېگرىداش رايونى ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ 6 - ئۆكتەبىرگىچە ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ 68 قېتىم ئەگەشمە يەر تەۋرىگەن بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە چېگرىلىنىدىغان رايونى نۇرا كەنتىدە بولسا تەۋرەش قېتىم سانى 198 قېتىمغا يەتكەن، تەۋرەشنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى 6.8 بال بولغان.
2008-10-07
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىگە دوكلات يوللاپ، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. شۇ كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. خىتاي تەرەپ جۈمە ۋە دۈشەنبە كۈنى ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈردى.
2008-10-07
يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتى 2008 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىر قانچە يىلدىن بۇيان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
2008-10-07
10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يەكشەنبە، گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، روزا ھېيتنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
2008-10-07
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىڭ گاڭنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، چىڭ گاڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئەسلى دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشقانلارغا بېرىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما نۆۋەتتە بۇنىڭغا خىلاپ ھالدا بۇ مۇكاپاتقا مۇۋاپىق بولمىغان كىشىلەر ئېرىشمەكتە، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئەسلى لايىق كىشىلەرگە بېرىلىشى كېرەك" دېگەن.
2008-10-07
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىمۇ كۈچەيمەكتە.
2008-10-07
1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى مەرھۇم سابىت داموللامنى خوجىنىياز ھاجىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، شىڭدۇبەنگە تاپشۇرۇپ بەرگەن 30 كىشىلىك ئەسكەرنىڭ باشلىقى غۇپۇر تۇەنجاڭ دېگەن كىشى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكۈزۈپ، شۇ جايدا ۋاپات بولغان ئىكەن.
2008-10-07
خىتاي كومپارتىيىسى باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت تورلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دېگەن ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇش يوليورۇقىغا ئاساسەن، 7 - ئۆكتەبىر، سەيشەنبە كۈنى،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى مەخسۇس مائارىپ ساھەسى بۇيىچە، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ مائارىپ ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنى چاقىرغان.
2008-10-06
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتىنى، " نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ زور ۋە ئەڭ جىددىي خەۋپ " دەپ قارىماقتا.