ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-13
11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن. بۈگۈن سابىت دامۇللام باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەر 1933 يىلى قەشقەردە، رەھمەتلىك ئېلىخان تۆرەم باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەر 1944 يىلى دەل مۇشۇ 11 - ئاينىڭ 12 كۈنى ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى قېتىم شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەمىلى قۇرۇپ چىققان بىر كۈن.
2008-11-13
ھامىلدار ئانا ئارزۇگۈل تۇرسۇنجاننىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە نورمال بولۇپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىشقا ھازىرلاندى.
2008-11-13
مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان لاۋگەي فوندىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كۆزگەرمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى چارشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلدى.
2008-11-13
خىتاينىڭ شېنجىن شەھىرىدىكى قەغەز زاۋۇتىنىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئىشچىسى چارشەنبە كۈنى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ زاۋۇتنى تاقاپ، ئىشچىلارنى ئىشسىز قالدۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش ئۆتكۈزگەن.
2008-11-13
تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ ئادۋوكاتى پەيشەنبە كۈنى، چېن شۈيبيەننىڭ ئاشلىق ئېلان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
2008-11-13
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش پەيشەنبە كۈنى، نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
2008-11-13
خىتاي دائىرىلىرى، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر ھەپتە دارامسالادا ئېچىلماقچى بولغان قۇرۇلتىيىنىڭ، ئەگەر ھىمالايا رايونىغا جايلاشقان تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇنىڭدىن ھېچقانداق بىر چىقىش يولى تاپالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-11-13
1933 ۋە 1944 - يىللىرى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مۇراسىم ئۆتكۈزدى.
2008-11-13
مىسىرنىڭ " ئەل ئەھرام " گېزىتىنىڭ 2008 - يىلى13 - نويابىر سانىدا " مىسىر بازارلىرىنى خىتاينىڭ ساختا ماللىرىدىن كىم قوغدايدۇ؟"دېگەن تېمىدا بىر ماقالا ئېلان قىلىنغان.
2008-11-12
1933 - يىلى 12 - نويابىر ۋە 1944 - يىلى 12 - نويابىردىن ئىبارەت ئوخشاش بىر كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئىككى قېتىم ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، 20 - ئەسىردىكى، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىدى. ئەنە شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن 12 - نويابىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە بولۇپ قالدى.
2008-11-12
ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان، " مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، رابىيە قادىرنىڭ بۆلگۈنچىلىك قۇتراتقۇلۇقلىرىنى سۆكۈش" نى ئاساس قىلغان سىياسىي ئۆگىنىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ، شەھەر ، ناھىيىلىرىدىكى بارلىق ساھەلەر بۇيىچە ئەۋجىگە چىققان.
2008-11-12
غۇلجا ناھىيىسىنىڭ دادامتۇ يېزا بۇلاق كەنتىدە يەنە بىر پىلانلىق تۇغۇت پاجىئەسى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ كەنت ئەزالىرىدىن نۇرمەمەت ۋە ئارزۇگۈل ئائىلىسى يەنە 2 - 3 ئايدىن كېيىن دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان 3 - پەرزەنتىنىڭ ئامان - ئېسەن دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
2008-11-12
گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىرلىكتە خاتىرىلەندى.
2008-11-12
ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى باراك ئوباما سايلام جەريانىدا كۇبانىڭ گۇەنتانامو ئارىلىدىكى تۇتقۇنلار لاگىرىنى تاقاپ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى تەكرار تۇرغۇزىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
2008-11-12
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىلىدا قۇرۇلغان " شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى " بولسا، ئۇندىن 11 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان، يەنى 1933 - يىلى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى " نىڭ داۋامى بولۇپ، 30 - يىللاردا چېچىلغان مىللىي ئىنقىلاب ئۇچقۇنلىرىنىڭ قايتىدىن يالقۇنلىنىشى ئىدى.